ئاننا بوندېر: "خىتايدىكى ئېتنىك مىللەتلەر ئولىمپىكتىن بەھىرلىنەلمىدى"

ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا شىتاتىدىن چىقىدىغان خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي ئولىمپىكىگە ئالاقىدار بىر پارچە ماقالىدە، لەنجۇ شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە خىتايلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە مەزكۇر شەھەردە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تۇيغۇلىرى بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.19
urumchi-olympik-terror-saqchi1-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﻪﺷﺌﻪﻝ ﺋﯘﺯﯗﺗﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﭘﺸﺎﺭﻛﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﺭﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺶ.
AFP Photo
 ئاپتور ماقالىسىدە، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە پەقەت ھاياجانلىنىش ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاننا بوندېر خانىم قەلىمى ئاستىدىكى " خىتايدىكى ئېتنىك مىللەتلەر ئولىمپىكتىن ئانچە بەھرىلىنەلمىدى" ناملىق ماقالىدە، ئاپتور گەرچە ئولىمپىك قىزىتمىسى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى بىر ئالغان پەيتلەردە، خىتاينىڭ جۇغراپىيىلىك مەركىزىي ھېسابلىنىدىغان لەنجۇ شەھىرىدە بۇ خىل كەيپىياتنىڭ ئانچە يۇقىرى پەللىگە چىقمىغانلىقىنى، مەزكۇر شەھەرنىڭ مۇسۇلمانلار رايونىدا ئولىمپىككە ئاتالغان بايراق، لوزۇنكا قاتارلىقلارنىڭ ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ.

"ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى غەزەپ - نەپرىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان"

ئاپتور ماقالىسىدە، لەنجۇدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئولىمپىكنىڭ پەقەت تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش ھالىتىدىن باشقا نەرسىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى يازىدۇ.

"ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى غەزەپ - نەپرىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان، بۇ يەرگە بىر نەچچە سائەتلىك يىراقتىكى تىنچىماس شىنجاڭدا يېقىندا يۈز بەرگەن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى بومبا ھۇجۇملىرى ۋە تۆكۈلگەن قانلار، ئولىمپىكنىڭ باشلىنىشىغا كۆلەڭگە تاشلاپ بېيجىڭ دائىرىلىرى دۇنياغا كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلغان ئىناقلىققا تەسىر كۆرسەتكەندەك قىلاتتى."

ئۇيغۇر نىمكار:" بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ پەقەت بىر چوڭ تىپتىكى قۇرۇق كومېدىيە "

ئاپتور ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا لەنجۇ شەھىرىدە ئاشپەزلىك قىلىدىغان بىر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. 27 ياشلىق بۇ ئۇيغۇر نىمكار ئۆزىنىڭ ئولىمپىك ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ پەقەت بىر چوڭ تىپتىكى قۇرۇق كومېدىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە: "ئۇلار ھازىر بىزنىمۇ بۇ سېرك ئويۇنىنى تەبرىكلەۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ - يۇ، يەنە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خەلقىمىزنى، دۆلەت خائىنى دەپ تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ" دەيدۇ.

بۇ ئۇيغۇر نىمكار ياش يەنە، ئولىمپىكىنىڭ پەقەت خىتايلار ئۇچۇن بىر تەبرىكلەش پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتايلارنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا ھەقىقەتەن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلاردىكى بۇ ئەندىشىنى ئۆزلىرىنىڭمۇ ھېس قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇ يەنە بۇ يىل ئاۋغۇست كىرگەندىن بۇيان قەشقەر، كوچا ۋە يېڭىشەھەرنىڭ يامانيار يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھۇجۇمدىن ئەجەبلىنەرلىك ھېس قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى شۇنداق جىددىي بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر نىمكار:" ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار"

بۇ ئۇيغۇر نىمكار يەنە،گەرچە ئۇ ئولىمپىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىر ئەخمەقلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئۇيغۇر گۇرۇپپىلارنىڭ ئولىمپىك ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىكلا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىشىدىن ئىنتايىن بىئارام ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: "لېكىن بۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىزگە جىنايەتچىدەك مۇئامىلە قىلىدىغان ھوقۇقى بارلىقىدىن دېرەك بەرمەسلىكى كېرەك" دېگەن.

بۇ ئۇيغۇر نىمكار يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قولىدىن قورال كۈچى بىلەن پارچىلىنىپ چىقىپ كېتىشىگە ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ تىلغا ئالىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان ئامىللار ئۈستىدە توختىلىپ، 1950 يىلىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى تۆكمە قىلىپ تاشلىغانلىقىنى، نەتىجىدە 50 ‏ - يىللاردا پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلى نوپۇسىنىڭ 6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان خىتايلارنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە 40 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2001 - يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى تېررورچىلار بىلەن باغلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە مەدرىسىلەر، مەسچىتلەرنى تاقاش ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى يازىدۇ.

خىتاي ئوقۇغۇچى: "ئۇيغۇرلارنىڭ بىزدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇلارمۇ ئۆز ئالدىغا بىر مىللەت"

ھالبۇكى، لەنجۇدا ياشايدىغان 24 ياشلىق خىتاي ئوقۇغۇچى جاڭ خەي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىكنى بىر پۇرسەت بىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما قەشقەر ۋە كۇچاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئولىمپىك بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: "بۇ يەردىكى سەۋەبلەر تېخىمۇ چوڭقۇر، ئۇيغۇرلارنىڭ بىزدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇلارمۇ ئۆز ئالدىغا بىر مىللەت. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار خىتايغا تەۋە" دېگەن.

ئاپتور ماقالە ئاخىرىدا خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ئوقۇغۇچى جاڭ خەينىڭ ئېيتقانلىرى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

خىتاي ئوقۇغۇچى جاڭ خەينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئىنتايىن زور مىقداردا بىخەتەرلىك قىسىملىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەممە ئىشلارنى كونترول ئاستىغا ئالغان. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.