خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالامدۇ؟


2008.02.12

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش - قىلالماسلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقان مۇھىم مەسىلە بولماقتا. 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جوھننىي ئەرلىڭ ئەپەندى تەرىپىدىن گېرمانىيىدە نەشردىن چىقىدىغان " دۇنيا گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان " بىخەتەرلىكنىڭ قىممىتى كىشىلىك ھوقۇقتا " ناملىق ماقالىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى تەسكە توختايدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى؛ يالغۇز بېيجىڭنىڭ ناچار ھاۋا كېلىماتى ۋە قاتناش تەرتىپىدىكى قالايمىقانچىلىق ياكى بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيەتسىزلىكىدىلا ئەمەس، بەلكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەر ساھە كۈچلەرنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىدا ئىكەن.

قارشىلىق ئىدىيىسىدىكى كىشىلەر كۆپەيمەكتە

"بىخەتەرلىكنىڭ قىممىتى كىشىلىك ھوقۇقتا" ناملىق ماقالىدە، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خەلقئارا تېررورچىلار، فالۇنگۇڭچىلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تىلغا ئالمىغان. ۋەھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى "بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىدۇر،" دېگەن مۇقامنى ئۇزۇندىن بۇيان توۋلاپ كەلگەن ئىدى. بۇ ھەقتە باش شىتابى گېرمانىيىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

جوھننىي ئەرلىڭ ئەپەندى " بىخەتەرلىكنىڭ قىممىتى كىشىلىك ھوقۇقتا " ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلارنى، ئادۋوكاتلارنى، يازغۇچىلارنى، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى زىيالىيلارنى تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، قارشىلىق ئىدىيىسىدىكى كىشىلەرنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى، خىتايدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

نازارەت زور دەرىجىدە كۈچەيتىلىدۇ

" بىخەتەرلىكنىڭ قىممىتى كىشىلىك ھوقۇقتا " ناملىق ماقالىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بارلىق ئايرودروم، پويىز ئىستانسىسى ۋە ئولىمپىك مەيدانى ئەتراپلىرىغا يۈز مىڭلىغان كامىرالارنى ئورناتقان. 150 مىڭدىن ئارتۇق بىخەتەرلىك خادىمى ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا قوغداش خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 196 - دېۋىزىيىسى قوغداش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىكەن. 30دانە تىك ئۇچار ئايرۇپىلان جىددىي ھالەتتە تۇرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان 52 تۈرلۈك بىخەتەرلىك پىلانىنى، خەلقئارا ساقچى ۋە ئامېرىكىنىڭ ف ب ئاي ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئىجرا قىلىپلا قالماي، يەنە قوشنا ئەللەر ۋە غەرب بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ ياردىمىگە مۇراجىئەت قىلىدىكەن. ئەمما مۇسابىقە باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كېلىدىغان 7 مىليون ئىنساننى نازارەت قىلىش ئاسانغا توختىمايدىكەن. خەلقئارادىكى تېررورچى كۈچلەرنىڭ يالغان پاسپورتلار بىلەن مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىپ، ۋەقە پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئولىمپىكنىڭ خاراكتېرىنى سىياسىيلاشتۇرۇۋېتىشى مۈمكىن ئىكەن.

ئاپتور جوھننىي ئەرلىڭ ئەپەندىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا چىقارغان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 250 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا نازارەت ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن ئىكەن. بۇ ئادەملەر چەتئەللىكلەردىن باشقا، خىتاينىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ( ئەكرەم )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.