بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى
2007.05.18

2008- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى ھارپىسىدا، ماۋزىدوڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى رەسمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېقىپ يۈرۈپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن، 35 ياشتىكى، گۇ خەيۋۇ ئىسىملىك بىر خىتاي ئاققۇن تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلگەنلىكى، خەلقئارا دا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى جەريانىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ستراتفور ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنسىتېتوتى تەرىپىدىن ئېلان قىلنغان بىر مۇلاھىزىدە،" گەرچە ماۋزىدوڭنىڭ رەسمىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم پەقەت بىر كىشىنىڭ ئىشى بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى خەلقئارا جامائەت ئارىسىدا خىتاينىڭ مۇقىملىقى ھەققىدە سۇئاللار پەيدا قىلىپ، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىش ئىستىگىنى ئاجىزلىتىشى مۇمكىن" دېيىلگەن.
ماۋ زېدوڭنىڭ سۈرىتى كۆيدۈرۈلگەنلىكى، خىتاي ئۈچۈن سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلگەن
سترادفور تەتقىقات ئىنسىتېتوتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىرقەدەر غەلىبە قىلغانلىقى، ئەمما تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ماۋزېدوڭ سۈرىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمغا ئوخشاش ئايرىم شەخسلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۇجۇمچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ناھايىتى قيىن بىر ئىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، ماۋزىدوڭنىڭ سۈرىتىنى كۆيدۈرگەن كىشنىڭ شىنجاڭدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئاققۇن ئىشچى بولۇشى، خىتاينىڭ ئاققۇن ئىشچىلارنى ۋە شىنجاڭدىن ئىچكىرىگە كېلىدىغان كىشىلەرنى كونترول قىلىشتىكى قىيىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان . بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە مۇقىملىقنى ساقلاشتا قانچىلىك ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكى مەسىلە ئەمەس، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۆزگەنلىكىدۇر.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى ئوجۇقتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دەپ قارايدىغان خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ، 2008- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا، ئۇيغۇرلار نىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن سترادفور تەتقىقات ئىنستېتوتىنىڭ مۇلاھىزىدە، "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىش ۋە بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىنۋاتىدۇ. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، گۇ شىنجاڭدىن بېيجىڭغا كېلىپ، بېيجىڭغا كەلگەن كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا بۇ شەھەردىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقان تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، ماۋزىدوڭنىڭ رەسىمىنى كۆيدۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىغان" بۇ ۋەقە، قانداق يۈز بېرىشىدىن قەتئىنەزەر گۇ غا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانچىلىك قيىن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ" دېيىلگەن.
مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقە ھەقىقى تەھدىتنىڭ ئاممىۋىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەمەس، شەخسلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۇجۇملاردىن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . گەرچە خىتايدا شەخسلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ھۆكۈمەتنى نىشان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ھۇجۇملار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى جەريانىدا خىتايدىكى بىخەتەرلىك مەسىلسىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ئېنىق.
خىتايدىكى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى
ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى جەريانىدا چەتئەللىك ۋە يەرلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركۈملەپ بېيجىڭغا كېلىشى بىلەن، شەخسلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۈزۈتىش خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۈچۈن تېخىمۇ قيىنلىشىدىغانلىقىى تەكىتلەنگەن مۇلاھىزىدە مۇنداق دېيىلگەن " ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى جەريانىدا، مەتبۇئات ئۈستىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ ئازايتىلىشى بىلەن، ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان كىچىك كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ خەلقئارا مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئورۇن ئالىدىغانلىقى تەبئىي.
ھۆكۈمەتكە نارازىلىقى بار كىشىلەر، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ شكايەتلىرىنى خەلقئارا جامائەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت دەپ، قارشى مۇمكىن. شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ پائالىيىتى ئۈستىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن، مۇخبىرلار خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك ۋە ئىجتىمائىي نارازىلىقلارنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن بېيجىڭ سىرتىدىكى قىشلاقلارغا بېرىپ، خەۋەرلىرىدە بۇ يەرلەردىكى ھەقىقى ئەھۋالنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۇكلەشتۈرۈشى مۇمكىن."
سترادفور ئىنستېتوتىنىڭ مۇلاھىزىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىندىن خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلماقتا .
لېكىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ، خىتاي كۈتكەن نەتىجىنى بەرمەي، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان تەڭسىزلىكلەر ۋە سىياسىي تۈزۈمنىڭ ناچارلىقلىرىنى دۇنياغا تېخىمۇ پاش قىلىش ئۈچۈن بىر قورال بولۇپ قىلىش ئىھتماللىقىمۇ بار ئىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش" خىتايلار پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سۆز
- خىتاينىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدى "ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش"
- چېن شۈيبىيەن : تەيۋەن قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلمايدۇ
- مەشھۇر خوللېۋۇد كىنو رېجىسسورى ستېۋېن سپىېەلبېرگنىڭ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا يوللىغان مەكتۇپى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لاياقىتىدىن گۇمانلاندى
- كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- خىتاي ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېلەتلىرىنى سېتىشنى باشلىدى
- خىتاي يەرلىك مۇخبىرلىق پونكىتلىرىنى تەرتىپكە سالماقچى
- ئولىمپىكنىڭ مەسئۇل خادىملىرى خىتايدا يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىشنىڭ خەتىرى يۇقىرىلىقىنى بىلدۈردى
- خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى خىتايدىن تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي بىلەن ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى
- بېيجىڭ، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چەتئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى