نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيىدە خىتاي ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى


2007.10.15

Olimpik-Norw-200.jpg
ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىنسان ھەقلىرى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى13 ‏- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىگە يىتىپ كېلىپ ئۆز پائالىيىتى باشلىغان. پائالىيەتكە، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرمۇ ئىشتىراك قىلغان. RFA Photo / Yalqun

خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىنسان ھەقلىرى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى گىرېتسىيىدىن باشلىنىپ، ئۆتكەن ھەپتە شۋېتسىيىگە يىتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ شىۋېتسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەرلەر بولغان مالمۆ، يۆتېبورىي شەھەرلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ 13 ‏- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى نورۋېگىيىنىڭ ئوسلو شەھىرىگە يىتىپ كېلىپ ئۆز پائالىيىتى باشلىغان.

ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە نورۋىگىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرقىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر، تىبەت جەمئىيەتلىرى ۋە بىر قىسىم قوشنا دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان. پائالىيەتكە قاتناشقان ئۆمەر ھاجىم بۇ پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئەتىسى يەكشەنبە كۈنى يەنى 14 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى چۈشـتىن كېيىن سائەت 2:30 دا ئىنسان ھەقلىرى مەشئىلى شىۋېتسىيىنىڭ ستوكھولىم شەھىرىگە يىتىپ كېلىپ ئۆز پائالىيىتىنى باشلىدى. پائالىيەت 2:30 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى.

پائالىيەت، "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى "جەمئىيىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار، تىبەتلەر خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى قاتناشقاندىن سىرت خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىغا قىزىققۇچى شىۋېتلەر، شىۋېتسىيە پارلامىنېت ئەزالىرى ۋە كانادادىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى.

پائالىيەت داۋامىدا بىرقىسىم ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى سۆزگە چىقىپ دىكتاتور كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقىنى ۋە خىتاي تېررىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق باشقا ئىتنىك مىللەتلەرنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بۇنداق دىكتاتور دۆلەتلەردە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئولىمپىكنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، خەلقارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىپ، خىتايدا ياشاۋاتقان خەلقلەرگە ياردەمدە بولۇشقا چاقىردى.

پائالىيەت ئەھۋالى شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ قىزغىن خەۋەر قىلىش ئوبىكتىغا ئايلاندى. دۈشەنبە كۈنى ستوكھولىمدا چىقىدىغان نۇرغۇن گېزىتلەردە بۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېرىلگەن ۋە خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. پائالىيەت ئاخىرىدا ئىنسان ھەقلىرى مەشئىلى فىنلاندىيە دۆلىتىگە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بۇ ئىنسان ھەقلىرى مەشئىلى ياۋروپانى مەركەز قىلغان 39 دۆلەتكە يەتكۈزىلىدىكەن. (يالقۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.