مەشھۇر خوللېۋۇد كىنو رېجىسسورى ستېۋېن سپىېەلبېرگنىڭ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا يوللىغان مەكتۇپى


2007.05.15

جۈمە كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقى، مەشھۇر خوللېۋۇد كىنو رېجىسسورى ستېۋېن سپىېەلبېرگنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاياقلاشتۇرۇشتا جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا يوللىغان مەكتۇپىنى ئاشكارىلىدى.

ستېۋېن سپىېلبېرگ خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۇدانغا بېسىم ئىشلىتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسىملىرىنىڭ نىزا قاپلىغان دارفۇر رايونىغا كىرىشىگە سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان.

پۈتۈن دۇنيا، خىتايدىن ئىنسانپەرۋەرلىك كۈتمەكتە

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۇدان دۆلەت ئارمىيىسىنى قورال بىلەن تەمىنلىدى، دەپ ئەيىبلىگەن ۋە دۇنيا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008-يىللىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئالدىنقى ئاي سپىېلبېرگ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا يوللىغان خېتىدە: "مەنمۇ خىتاينىڭ سۇدان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ دارفۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىق قۇربانلىرىنى قوغدايدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ مەزكۇر رايونغا كىرىشتە سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندىگەن كىشىلەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىمەن" دەيدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2003 - يىلدىن بۇيان دارفۇر رايونىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ ئاۋام قىرغىن قىلىنغان ۋە 2 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەتكەن ئىدى.

خىتاي دارفۇر رايونىغا ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ، باش شىتابى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان "مىراس فوندى جەمئىيىتى" (Heritage Foundation) نىڭ 2007-يىللىق دوكلاتىدا: "بېيجىڭ سۇداننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى. 1990- يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ سۇدانغا سالغان مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 10 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەت ۋە سۇدانغا ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت سۇپىتى بىلەن دارفۇر رايونىدا 2003 - يىلىدىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقنى ئاياقلاشتۇرۇشتا ئۆز تەسىر كۈچىنى ئىشلەتمىدى دەپ ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.

ستېۋېن سپىېەلبېرگنىڭ خېتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە مىئا فارروۋ خانىمنىڭ تەسىرى

ستېۋىن سپىېلبېرگ ، 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يېغىننىڭ بەدىئىي مەسلىھەتچىسى. ئۇ ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باش تېما قىلىنغان "شىندىلېر تىزىملىكى" ناملىق كىنوغا رېژىسسورلۇق قىلغان. بۇ ئېپىك ئەسەر 1993-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

خىتاي رەئىسى خۇ غا يوللىغان مەكتۇپىدا دارفۇردا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە ئىپلاسلىقلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سپىېلبېرگ: " قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەڭ ئېغىرى. شۇڭا شۇنداق جىنايەتلەرنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىش دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەۋە ھەر بىر ئەزانىڭ ئەخلاقى ۋە ۋىجدانى مەسئۇلىيىتى " دەپ يازىدۇ.

ئۇ يەنە، تۆت يىلدىن بۇيان سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا رىيازەت چېكىۋاتقان ئاۋامنىڭ نىدالىرى ۋە قالايمىقانچىلىق ھەققىدىكى دوكلات- خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر سىياسىتىنىڭ سېپى ئۆزىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ: "سۇدان ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنى قىرغىنچىلىق دەپ شەرھىلەشكە قەلبىمدە ھېچ شەك يوقتۇر" دەيدۇ.

ستەۋىن سپىېلبېرگ خېتىدە يەنە، خىتاينىڭ دارفۇر رايونىدىكى رولى، سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك ۋە ياردەمچى‏- دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى پۈتۈنلەي تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە "مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ھىماتچىسى بولۇشى كېرەك، دەپ ئىشەنگۈچى كىشىلەر بىلەن ئورتاق قاراشتا" دەيدۇ.

ھالبۇكى، بۇ يىل مارتتا سىياسىي پائالىيەتچى، داڭلىق سەنئەتكار مىئا فارروۋ، ستەۋەن سپىئەلبەرگنىڭ 2008-يىللىقى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا بەدىئىي مەسلىھەتچى بولۇپ قاتناشقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن، ۋە "ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ھايات قالغانلار ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن، 1994-يىلى "Shoah(ئىرقىي قىرغىنچىلىق) فوندى جەمئىيىتى" نى قۇرغان سپىېلبېرگ ئەپەندى خىتاينىڭ دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى قوللاۋاتقانلىقىنى بىلمەمدىكىنا؟" دەپ سۇئال قويغان.

فارروۋ خانىم، ئامېرىكىلىق كىنو رىجىسسورىنى، ناتسىستلارنىڭ تەشۋىقات كىنو ئىشلىگۈچىسى ۋە 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىكى تېما قىلىنغان "ئولىمپىيا" فىلىمى بىلەن ئەسلىنىدىغان (Leni Riefenstahl)لېنى رىېنفېنتاھلنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ۋارىيانتىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان ۋە " سپىېلبېرگ ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ لېنى رىنېفېنتاھلى سۈپىتىدە تارىخنىڭ تۆۋەن قاتلىمىغا چۈشۈپ قېلىشىنى خالامدۇ؟" دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتايغا يوللىغان خېتى

ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق ئەزاسى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ خىتاينى دارفۇردىكى قان تۆكۈلۈشنى دەرھال ئاياقلاشتۇرۇشقا قىستىغان ئىدى.

ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر خېتىدە، ئەگەر خىتاي خارتوم رايونىدىكى ئەھۋاللادا روشەن بىر ياخشىلىنىش بولمىسا ئولىمپىكتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، ھەمدە توم لەنتوس: " بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن بىر ئەخلاقى سىناق؛ ئەگەر خىتاي ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلمىسا، مەڭگۈ " قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" گە ساھىبخان بولغان دەپ تونىلىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

ۋاھالەنكى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتايغا 2008-يىللىق ئولىمپىك ساھىبخانلىق ھوقۇقىنى بېرىشتىن ئىلگىرى خىتاي بېيجىڭ تەرەپ مۇسابىقە كومىتېتىنىڭ باش رەئىسى ۋاڭ ۋەي " بىز دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى خىتايغا كەلگەندە تولۇق ئاخبارات ئەركىنلىكى بېرىمىز ، خىتايغا قەدەم تەشرىپ قىلىش ئالدىدا تۇرغان ئولىمپىك يىغىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى مائارىپ، سالامەتلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي مۇھىتىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ" دېگەن. ئەمما، كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىسى تور بېتىدە: "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەدىلىرىنى ئاقلىشى كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، 30- ئاپرىل خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2008-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشنى كوزۇر قىلىپ تۇرۇپ جەمئىيەتتىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قاتتىق باستۇردى دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدىكى تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ئىشلىرىغا تۇترۇق بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى چوقۇم 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك يىغىنىغا قەدەر خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق مۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يازدى

شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ خىتايدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مىسال قىلىپ، 2008- يىلى خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ. دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خىتايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە ئېنىق بىر مەيداننى ئىپادىلىمىگەن بولسىمۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا جاۋاب يېزىپ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش خۇسۇسىدا بېسىم ئىشلىتىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.