0:00 / 0:00
كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كانادا ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تورونتو شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، كانادا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا خەلقئارا جامائەتچىلىككە، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئىلگىرىلەشلەرنى ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.