خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاقساراي ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈچ كۆرسەتتى


2008.02.11

ChinaOlimpicAmnesty-200.jpg
2008 - يىلى 11 - فېۋرال كۈنى، خەلىقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئاق ساراي ئالدىدا، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئالدىدا، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى سوراپ نامايىش ئېلىپ باردى. AFP Photo

بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ۋاقىت قەرەلى يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچراپلا قالماي، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشمۇ بېيجىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەققىدىكى بېسىمغا ئۇچرىماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ توغرىسىدا پرېزىدېنت بۇشقا خەت يازدى ۋە ئاقساراي ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىقلار دۈشەنبە كۈنى ئاقساراي ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئاقساراينى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە دىققەت قىلىش، پرېزىدېنت بۇشنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلەشكە چاقىردى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ت. كۇمار مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى لارىي كوكسنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا يازغان بۇ ھەقتىكى خېتىنى ئاقساراي دائىرىلىرىگە تاپشۇردى.

ئولىمپىك خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكىنى قوغداش پۇرسىتى

ChinaOlimpicAmnesty1-200.jpg
2008 - يىلى 11 - فېۋرال كۈنى، خەلىقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئاق ساراي ئالدىدا، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئالدىدا، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى سوراپ نامايىش ئېلىپ باردى. AFP Photo

شاۋقۇن سۈرەنسىز، تەرتىپلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئاقساراي ئالدىدىكى يىغىلىش جەريانىدا نامايىشچىلار خىتاي دائىرىلىرىنى " كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى" ئازات قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، مەھبۇسلارنى ئادىلانە سوتلاش، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدىغان شۇئارلارنى توۋلىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لارىي كوكس خېتىدە پرېزىدېنت بۇشتىن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشسا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرۈش بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، خىتاي رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇشنىڭ ئولىمپىك سەپىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلىشىنى،"ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھارپىسى ۋە ئولىمپىك سەپىرىنىڭ مەقسىدى كىشىلىك ھوقۇقنى مەركەز قىلىشىنى" تەكىتلىگەن. كوكس خېتىدە يەنە " مەن سىزنى خىتاي رەھبەرلىرىگە نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى، ئولىمپىك ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىنى قوغداشنىڭ پۇرسىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۈچلۈك بىشارەت بېرىشكە چاقىرىمەن " دەپ يازىدۇ.

خىتاي پۇقرالارنىڭ نېگىزلىك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ھوقۇقىغا كۆز يۇمدى

ت. كۇمار ئاقساراي ئالدىدىكى يىغىلىش ئارىسىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى لارىي كوكسنىڭ خېتىنى ئوقىدى. ت. كۇمار، ئاقساراي ئالدىدىكى نامايىشچىلارغا سۆزلىگەن سۆزىدە "بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزدىكى سەۋەب، چۈنكى پرېزىدېنت بۇش خىتايغا بېرىپ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتناشماقچى" دەپ خىتاب قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى لارىي كوكس خېتىدە مۇنداق دەيدۇ،"خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى كۆز - كۆز قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالدى، ئەمما بۇ جەرياندا پۇقرالارنىڭ نېگىزلىك ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى ھوقۇقىغا كۆز يۇمۇلدى" ھەمدە "مىڭلىغان ئائىلىلەر يولسىز ھالدا ئۆي - ماكانىدىن كۆچۈرۈلدى ۋە ئۇلار رازى قىلىنمىدى. تىنچ ئۇسۇلدا قارشىلاشقۇچىلار بولسا تۇتقۇن قىلىندى ياكى تۈرمىگە تاشلاندى. خىتاي دائىرىلىرى يەنە مۇخبىرلار، ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قولغا ئالدى."

بۇش ئولىمپىك سەپىرىدە خىتايغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى خاتىرىلىتىشى كېرەك

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خېتىدە يەنە، پرېزىدېنت بۇشنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان "مىڭلىغان" خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جۈملىدىن خرىستىئانلار، تىبەتلىك بۇددىستلار، مۇسۇلمانلار ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدۇ. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ئورگانلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى سەپىرىدە خىتاي باشلىقلىرىغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى خاتىرىلىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىجرائىيە مۇدىرى لارىي كوكسنىڭ خېتىدە يەنە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تالاشقاندا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئولىمپىك جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇشنىڭ بۇ سەپىرىدە خىتاي رەھبەرلىرىنى ئۆز خەلقىغە تۇتقان خاتا مۇئامىلىسى، سىياسىتى ۋە ھەرىكىتىنى قەتئىي ئۆزگەرتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋەدىسىدە تۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئالىم سېيىتوفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاقسارايدىكى ئەمەلدارلار بۇشنىڭ ئولىمپىك سەپىرى ھەرگىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈنلا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئىلى سىياسىي مەھبۇسلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان بىردىن - بىر جاي

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پرېزىدېنت بۇشنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەدەم بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەسىلىلەر 1. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى قولغا ئېلىش، تەن جازاسى بېرىش، زىيانكەشلىك قىلىش ۋە جازالاشنى توختىتىش، 2. مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خەۋەر بېرىشىگە رۇخسەت قىلىش، يول قويۇش، 3. " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى" بىكار قىلىش، 4. ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنى كېمەيتىپ، مەھبۇسلارغا ئادىلانە ھۆكۈم چىقىرىش قاتارلىقلار. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە قارىماقتا. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلى سىياسىي مەھبۇسلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان بىردىن - بىر جاي بولۇپلا قالماي، سىياسىي مەھبۇسلارنى سوتلاش ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىش جەريانى مەخپىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايوندۇر. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.