ئولىمپىك ھەقىقەتەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىغا تۈرتكە بولدىمۇ؟
2008.02.27
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى، ئولىمپىك مۇراسىمى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، بىراق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى بولسا خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشىۋىلىپلا، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئىزچىل سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا سۈيۈملۈك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ ئاساسى زادى نېمە؟
"يىراقنى ئويلىغاندا، ئولىمپىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ"
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سابىق ئىش باشقۇرغۇچىسى، نۆۋەتتە مەزكۈر كومىتېتنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كارادﯤ ئەپەندى چارشەنبە كۈنى": قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە كونكرېتنى بىر ئۆزگىرىشنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق بىر يەكۈن چىقىرىش ئاسان ئەمەس، ئەمما مېنىڭچە يىراقنى ئويلىغاندا، ئولىمپىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ" دېدى.
بىراق، خىتاي 2001 - يىلى، 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن بۇيان، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشتىن ئىلگىرى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى چىرايلىق ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن قەتلى قىلىشتەك رەزىل قىلمىشلارنىمۇ سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى كارادﯤ ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ": نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ، شۇڭا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقى ناچار بىردىن - بىر دۆلەت دىيىشكىمۇ بولمايدۇ، لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئەگەر بىر تارىخىي نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئولىمپىكنىڭ بىر ئىلگىرىلەش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز ."
كارادﯤ ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئولىمپىككە قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئەسقەرجان ئەپەندى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
دارفۇر مەسىلىسى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئازغىنا ۋاقىت قالدى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا بېرىلگەن تەنقىدلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇلاردىن خىتاينىڭ دارفۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت كۆرسىتىشىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. بىر قىسىم دۆلەت ماھىرلىرى" دارفۇر ئەترىتى" دېگەن نامدا تەشكىللىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دارفۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى تەشەببۈس قىلدى.
ھوللىۋودنىڭ مەشھۇر رىژېسسورى سىتۋىن سپىلبېرگمۇ، دارفۇر مەسىلىسى تۆپەيلى، ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ سەنئەت رىياسەتچىلىكىنى رەت قىلىغان ئىدى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى كارادﯤ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ستىۋىن ئەپەندىنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دۇنيا خىتاي دېموكراتىك پارتىيىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جۈن ئەپەندى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قانۇن مەسلىھەتچىسى كارادﯤ ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈزۈلۈپ قالغان خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى قايتىدىن باشلانماقچى
- خىتايدا سوتچىلارنىڭ قانۇننى دەپسەندە قىلىشى
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- ئولىمپىكنى كىم سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ؟
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ 2007 - يىلقى ئەھۋالىنى تەنقىد قىلدى
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (2)
- ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش قارارى ماقۇللانغان
- ئاكىسى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ياش بىلەن سۆھبەت
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىنسانلىق تراگېدىيىسى
- ئالماتادا ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- كانادادا ئۇيغۇرلار سۈكۈتتە تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدە خاتىرلىدى









