خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى، ئولىمپىك مۇراسىمى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، بىراق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خادىملىرى بولسا خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشىۋىلىپلا، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئىزچىل سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا سۈيۈملۈك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ ئاساسى زادى نېمە؟
"يىراقنى ئويلىغاندا، ئولىمپىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ"
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سابىق ئىش باشقۇرغۇچىسى، نۆۋەتتە مەزكۈر كومىتېتنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كارادﯤ ئەپەندى چارشەنبە كۈنى": قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە كونكرېتنى بىر ئۆزگىرىشنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق بىر يەكۈن چىقىرىش ئاسان ئەمەس، ئەمما مېنىڭچە يىراقنى ئويلىغاندا، ئولىمپىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ" دېدى.
بىراق، خىتاي 2001 - يىلى، 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن بۇيان، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشتىن ئىلگىرى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى چىرايلىق ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن قەتلى قىلىشتەك رەزىل قىلمىشلارنىمۇ سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى كارادﯤ ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ": نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ، شۇڭا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقى ناچار بىردىن - بىر دۆلەت دىيىشكىمۇ بولمايدۇ، لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئەگەر بىر تارىخىي نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئولىمپىكنىڭ بىر ئىلگىرىلەش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز ."
كارادﯤ ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئولىمپىككە قارشى تۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئەسقەرجان ئەپەندى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
دارفۇر مەسىلىسى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئازغىنا ۋاقىت قالدى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا بېرىلگەن تەنقىدلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ماھىرلىرىنى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىپ، ئۇلاردىن خىتاينىڭ دارفۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت كۆرسىتىشىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى. بىر قىسىم دۆلەت ماھىرلىرى" دارفۇر ئەترىتى" دېگەن نامدا تەشكىللىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دارفۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى تەشەببۈس قىلدى.
ھوللىۋودنىڭ مەشھۇر رىژېسسورى سىتۋىن سپىلبېرگمۇ، دارفۇر مەسىلىسى تۆپەيلى، ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ سەنئەت رىياسەتچىلىكىنى رەت قىلىغان ئىدى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى كارادﯤ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ستىۋىن ئەپەندىنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. دۇنيا خىتاي دېموكراتىك پارتىيىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جۈن ئەپەندى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قانۇن مەسلىھەتچىسى كارادﯤ ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. (ئەقىدە)