ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى

0:00 / 0:00

كانادادا چىقىدىغان "گلوبە ئاند مائىل" گېزىتىنىڭ 8 - نويابىر كۈنىدىكى سانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى پھېلىم كىنېنىڭ "خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغان ساداسى قېنى؟ " ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. خىتايدىكى مۇخبىرلار كۈنىگە ئاتاپ يېزىلغان بۇ ماقالىدە، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ساداسىز قېلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان بولۇپ،ئولىمپىك كومىتېتىدىن ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان.

خىتايدىكى مۇخبىرلار كۈنى پەقەت شەكىل ئۈچۈنلا

8 ‏- نويابىر خىتايدا مۇخبىرلار كۈنى،ئەمما دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاساسى قىسمىنى تەشكىل قىلغان بۇ دۆلەتتە مۇخبىرلار بۇ كۈننى تەبرىكلىيەلمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، بۇ كۈندە مۇخبىرلار باشقا كۈندىكىگە ئوخشاشلا تۈرلۈك زۇلۇم ۋە زورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ.

گەرچە بۇ يىل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى "ئەخلاقى پرىنسىپلار" ۋە كىشىلىك ئىززەت- ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، دەپ ماقالىسىنى باشلايدۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى پھېلىم كىنې.

چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتايدا چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىگە ئاساسەن، ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە توختالغان پھېلىم كىنې: "خىتاي ھۆكۈمىتى 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان چاغدا، ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى بوشاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ۋەدە بەرگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىدىن بېكىتكەن ۋە بۇ يىل 1-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدە زىيارەت قىلىنغۇچى قوبۇل قىلغان شارائىتتا زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ،دېيىلگەن بولۇپ، بۇرۇنقى چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئىجازىتى ئېلىنىدىغان بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىدى. بۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىدىغان 20 مىڭ چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ سېپىدىكى كانادالىق مۇخبىرلار ئۈچۈن خوش خەۋەر ئىدى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسى قەغەز ئۈستىدىلا قالدى. چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ياللىۋېلىنغان زوراۋانلار تەرىپىدىن تەھدىت -پاراكەندە قىلىنىش شۇنداقلا بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىشلارغا ئۇچرىماقتا. ئولىمپىك كومىتېتى بولسا بۇ مۇخبىرلارنىڭ بېيجىڭدا يولۇققان زورلۇق ۋە خورلۇقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا،" دەپ يازىدۇ

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق كۆزەتكۈچىسى پھېلىم كىنې ماقالىسىدە، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارنىڭ، خىتايدا قانۇنسىز خەۋەرچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى، قانۇنسىز يەردە رەسىمگە تارتتى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنى فىلىمغا ئالدى،دېگەندەك يوقىلاڭ بانا ‏- سەۋەبلەر بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خەۋەر توپلاش پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. خىتاي كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە قول قويغان

پھېلىم كىنې ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ: "خەلقئارادا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى پرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا كۆز يۇمۇشى ئىككى يۈزلىمىچىلىكتۇر. بۇ ۋەقەلەر ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغان، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى،مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە چېگرا ھالقىغان مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ئەتراپلىق تىلغا ئېلىنغانىدى. ئۇنداقتا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ۋەقەلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ ئۇلار ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان خىتاينى تەنقىد قىلىپ باقتىمۇ؟" دەپ سۇئال قويىدۇ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئانتھوني ئېدگارنىڭ خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى، خىتاينىڭ تەرىپىنى ئالىدىغان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ ۋە بۇ قاراشلارنى تەنقىد قىلىدۇ.

پھېلىم كىنې ماقالىسىدە يەنە : "تەبىئىي ھالدا، خىتاي خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغىنى يوق. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىغا شۇنداقلا پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسىغا قول قويغان دۆلەت. چەتئەللىك مۇخبىرلار خىتايدا تەھدىت ۋە ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتقان بولسا، يەرلىك مۇخبىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەمىنلىگەن خەۋەرلەرنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈنلا جازالىنىۋاتىدۇ،" دەيدۇ.

ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سۈكۈتى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ

ئاپتور خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پاسسىپ مەيدانىنى تەھلىل قىلىپ: "2008 - يىلىدىن بۇرۇن مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىغان خىتاينى تەنقىد قىلىشقا پېتىنغان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرىۋالىدۇ ؟ ئەسلىدە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئاشكارا يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى باشقا مەسىلىدە خىتاي بىلەن ئاستىرىتتىن كېلىشتى. ئۇلار 1989 - يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك نامايىشى تانكىلار بىلەن قانلىق باستۇرۇلغان تيەنئەنمېن مەيدانىدا توپ ئويناشنى پىلانلىماقتا. بۇ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئىككىلىنىشنىڭ سەۋەبىدۇر،" دەپ يازىدۇ.

پھېلىم كىنې ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۈملىدىن كانادا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى يېقىنلىشىپ قالغان بىر نەچچە ئايدا، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. (كامىل تۇرسۇن)