ھەربىي مانېۋىر ۋە ئولىمپىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى


2007.08.16

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 4 - ئاي ئىچىدە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخپىي ھۆججەت تارقىتىپ، رابىيە قادىر خانىم رەئىسلىكىدىكى د ئۇ ق نىڭ توققۇز نەپەر رەھبىرى خادىملىرىنى نازارەت قىلىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارادا ھەر خىل ئىنكاسلار پەيدا بولغان ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ ھۆججىتىگە قارىتا د ئۇ ق رەھبەرلىرى؛ "خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى د ئۇ ق غا ئارتماقچى" دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ يىل 5 - ئايدا گوللاندىيىدە چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا "2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى كومىتېت" قۇرۇپ چىقىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ د ئۇ ق غا بولغان ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر يىل قالغان خاتىرە كۈننى قۇتلۇقلاشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشلىقلىرىدىن ۋاڭ لېچۈئەن ۋە نۇر بەكرىلەر يىغىن چاقىرىپ، تېررورچىلارغا، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە ۋە رادىكال دىنىي كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن. ئارقىدىنلا بېيجىڭدا 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغان مانېۋىر ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭغا ئۇلاپلا 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىر باشلاندى. بۇ مانېۋىرنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقى دۇنيا سىياسىي ئانالىزچىلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىندى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا ئاساس ھازىرلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن زادى نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.