كانادادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان "گلوبە ئاند مائىل" يەنى "يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىنىڭ 10- دېكابىر كۈنىدىكى سانىدا كانادا قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى نېلوفەر پازىرانىڭ "خىتاي ۋەدىسىدە تۇرمىدى" ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
نېلوفەر پازىرا، بۇ ماقالىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا 242 كۈن قالغان 12- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىگە ئاتاپ يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يەنىلا ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ پىكىر كۆزقاراشلىرىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويغان قەلەمكەش - يازغۇچىلارنىڭ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە خىتاينى بۇ قەلەمكەشلەرنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.