غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە "شەرقىي تۈركىستان رادىكال كۈچلىرى"نىڭ پارتلىتىش ۋەقەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزلىشىشكە باشلىدى.
د ۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ۇ ق رەھبەرلىرى خىتاينىڭ بۇ مەلۇماتىنىڭ ساختىلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئۆز ۋاقتىدىلا پاش قىلىپ باياناتلار ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا جامائىتىگە شەرقىي تۈركىستان رادىكال كۈچلىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى تونۇتۇشقا تىرىشىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، غەرب ئەللىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.