دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى


2007.05.29

مەتبۇئاتلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئولىمپىك مۇراسىمى مەزگىلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن، چېگرا سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانچىلارغا قاراتقان نازارەتچىلىكىنى ئالاھىدە كۈچەيتكەنلىكى شۇنىڭدەك 11 تۈر بۇيىچە 43 خىل ئوبىكىتنى چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر دەپ قاراپ، ئولىمپىكتىن قەتئىي يىراق تۇتۇش توغرىسىدا مەخپىي ھۆججەت چۈشۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆز ئىنكاسلىرىنى بىلدۈردى.

مەتبۇئاتلاردا

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى ۋە نازارەتلىرىگە 2008 ‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان خادىملارنىڭ ئارقا كۆرىنىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ۋە ئولىمپىك جەريانىدا تەكشۈرۈش ئوبىكتىنى 11 تۈر بۇيىچە 43 خىلغا ئايرىپ تۇرۇپ كۆزىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى " شەرقىي تۈركىستانچى 3 خىل كۈچلەر" گە قارىتىلىدىغان نازارەتچىلىكنى ئالاھىدە كۈچەيتىش لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بۇ ئارىدا ئامېرىكىدا چىقىدىغان "بوشۈن" تور بېتىدە " بېيجىڭ، ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىغا كاپالەت قىلىش ئۈچۈن، چېگرا سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىلچىلىرىگە قاراتقان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى " دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلىنىپ، "خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانچى ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى ئالاھىدە كۈچەيتكەنلىكى بولۇپمۇ، رابىيە قادىر، ئەركىن ئالىپتېكىن قاتارلىق 9 نەپەر كىشىنى نۇقتىلىق كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىشنى تەكىتلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

د ئۇ ق ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئىنكاسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئولىمپىك ھەققىدىكى مەخپىي ئۇقتۇرۇشى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2008 ‏- يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ " بىخەتەرلىكى" بىلەن " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى " ئارىسىدا ئالدىن "مۇناسىۋەت قۇرۇپ"، ئەگەر ئولىمپىك جەريانىدا بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە، ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ قويۇش تاكتىكىسى ئويناۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.