2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى چۇقان كۈچەيمەكتە


2007.06.07

2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بىر يىل قالغان بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭگە قارشى چۇقانلىرى بارغانسىرى ئەۋج ئالماقتا.ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى بولمايدىغانلىقىنى ئاساسى تېما قىلغان مۇراجەتلەر دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىگە ئۇلاشماقتا.

د ئۇ ق "ئولىمپىككە قارشى كومىتېتى" قۇردى

خەلق`ئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سىمۋولى بولغان بەش چەمبەرنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى شەكىللەرگە كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تور سەھىپىلەر ئېچىپ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى شۇئار توۋلاۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە.

د ئۇ ق باياناتچىسى، "ئولىمپىككە قارشى كومىتېتى" نىڭ ئەزاسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بۇ تەشكىلاتلار بىلەن د ۇ ق نىڭ ماس قەدەمدە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەقسىدىدە خەلق`ئارا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ سىمۋولى بولغان بەش چەمبەرنىڭ شەكىللىرىنى ھەر قايسى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ئۆز ئالدىغا خاس شەكىللەردە لايىھىلەپ چىققان بولۇپ، بەزىلىرى بەش چەمبەرنى ئىگىلىپ سۈيى چىقىپ كەتكەن ياكى كۆز ياشلىرى تامچىۋاتقان شەكىللەردە ياسىغان بولسا، بەزىلىرى بەش چەمبەرنى كويزا - كىشەن شەكلىگە ۋە سىرتماق شەكلىگە كىرگۈزگەن، يەنە بەزىلىرى بەش چەمبەردىن قان تەپچىپ تۇرغان شەكىللەرنى قوللانغان بولسا، بەزىلىرى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا شەكلىنى قوللانغان ھەمدە ئاخبارات ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە قارشى ئىدىيىلىرىنى ئىپادىلىگەن.

ئولىمپىككە قارشى تەشۋىقات سىمۋوللىرى كۆپلەپ بارلىققا كەلمەكتە

بىر بىرىدىن ئوبرازلىق ۋە قىزىقارلىق بۇ سىمۋوللاردا ئومۇمەن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئىدىيە روشەن گەۋدىلەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ خەلق`ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، چىگراسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئادالەت بولمىسا تېچلىق بولمايدۇ تەشكىلاتى قاتارلىق داڭلىق تەشكىلاتلارنىڭ بەلگىلىرى ئالاھىدە دىققەت چېكىدۇ.

بەزى تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولۇۋاتقان ھاشارغا ئوخشاش مەجبۇرى ئەمگەك زۇلۇملىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى د ۇ ق بىلەن زىچ ئىش بىرلىكى ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي دېموكراتلىرى ۋە فالۈڭگوڭچىلارنىڭ قارشىلىق لايىھىلىرىمۇ دىققەتنى تارتىدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى، تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزىشىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەپ ئالاھىدە لايىھە ئىشلىگەن بولسىمۇ، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى دەل ئەكسىچە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللاپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان شەكىلدە لايىھە ئىشلىگەن.

د ئۇ ق نىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى لاھىيىسى

د ئۇ ق نىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى لايىھىسى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولغان. د ئۇ ق خەلق`ئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سىمۋولى بولغان بەش چەمبەرنىڭ ئىچىنى خىتاي زۇلۇمىغا ئائىت ھەر خىل مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى دەرت - ھەسرەتلىرىنى جانلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى د ۇ ق نىڭ مىيۇنخېندىكى باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا، د ۇ ق نىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى لوگو(سىمۋوللۇق بەلگە)سى قاراردىن ئۆتۈپ ماقۇللانغان.

د ئۇ ق نىڭ قارارىغا ئاساسلانغاندا، ئولىمپىكنىڭ سىمۋولى بولغان بەش چەمبەرنىڭ ئۆزارا كېسىشكەن ھالقىلىرى زۇلۇمنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە زەنجىردىن ياسالغان. بەش چەمبەرنىڭ ئىچىگە خىتاينىڭ دىنىي زۇلۇمى، پىلانلىق تۇغۇت قىرغىنچىلىقى، ھاشار ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرى خىتايغا قۇللۇققا تۇتۇلىۋاتقانلىقى، سەلەپتەك بېسىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى، تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئاخبارات، مەتبۇئات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلىۋاتقانلىقى، ئۆلۈم جازاسى ۋە ھەقسىز تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن. بۇ لايىھەنى پۈتكۈزۈش خىزمىتى مەشھۇر بىر رەسسامغا تاپشۇرۇلغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى د ۇ ق تەرىپىدىن قۇرۇلغان "ئولىمپىككە قارشى كومىتېت"نىڭ ھەرىكىتىگە جىددىي دىققەت - ئېتىبارىنى ئاغدۇرغان بولۇپ، خىتاي جاسۇسلىرى بۇ كومىتېتنىڭ خىزمەت پىلانى ۋە پائالىيەت لاھىيىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.