چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك 9 تۈرلۈك ئىشنى ئوتتۇرىغا قويدى
2007.06.28
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 25- ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئالدى بىلەن، 2001-يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتايغا 2008- يىللىق ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىبخان بولۇش ھوقۇقىنى بېرىۋاتقان پەيتلەردە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مۇخبىر، توردا ماقال ئېلان قىلغۇچىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆكتىچى كۈچلەر ئۇستىدىن ئېغىر باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ "مانا ئالتە يىلدىن كېيىن ھېچنەرسە ئۆزگەرگىنى يوق. ۋاھالەنكى، خىتايدا سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقتا ھېچبىر ئالاھىدە يۈكسىلىش كۆرەلمەيۋاتقان شارائىتتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز سۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلتىجالىرىغا قۇلاق يوپۇرۇپ ئولتۇرۇۋالدى" دەپ، ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى داۋاملىق بوغۇلماقتا
ئاندىن كىيىن دوكلاتتا يەنە، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باشتىن بۇيان 2008- يىللىق ئولىمپىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئېچىشقا بىر يىل قالغان پەيتتە، يەنىلا ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قاتتىق قامال قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، گەرچە، چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئازراق ئەركىنلىك بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاي مۇخبىرلارنى ياللاپ ئىشلىتەلمەيدىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن يۈرۈش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقى تەكىتلەنگەن.
ھەمدە يەنە، خىتايدا ئاز دېگەندىمۇ 30 نەپەر مۇخبىر ۋە 50 نەپەر توردا ماقالە ئېلان قىلغۇچىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭلىغان يېڭى تور بەتلىرىنى توسىۋەتكەنلىكىنى ۋە چەتئەلدىن كېلىدىغان رادىئو دولقۇنلىرىنىڭ قامال قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ: " خىتاي يەنە خىتايچە، تىبەتچە ۋە ئۇيغۇرچە رادىئو پروگراممىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان 10 خەلقئارا رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ پروگراممىسىنى توسۇۋاتىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي، ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى
دوكلاتنىڭ "ۋاپا قىلىنمىغان ۋەدە" قىسىمدا 2008 - يىللىقى ئولىمپىك ساھىبخانلىق ھوقۇقىنى ئۇتۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىغا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆرىنەرلىك ياخشىلايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئېشىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنلا، سۆز ئورامىنى دەرھال ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 4 كۈندىن كېيىن مۇئاۋىن دۆلەت مىنىستىرى لى لەنچىڭ "جۇڭگونىڭ ئولىمپىك غەلىبىسى" فالۇنگوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەشنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشتۈرىدۇ " دەپ ئېيتقاندىن كېيىن خىتاينىڭ نەچچە مىڭ فالۇنگوڭ مۇرىتىنى قولغا ئالغانلىقىنى ھەمدە 100 دىن ئارتۇق فالۇنگوڭ مۇرىتىنىڭ سولاقتا ئۆلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
بۇ بۆلەكتە يەنە، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئاۋىن رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك غەلىبىسىدىن كىيىن " دالاي لاما ۋە باشقا خىتاي دۈشمەنلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىش بەك مۇھىم" دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ: "نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ياشايدىغان بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدا، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى "بۆلگۈنچىلىك" بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئاتتى" دەيدۇ.
دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ، دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ "ئولىمپىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ" دېگەن ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى ۋە بەزى ئەللەر ياقلايدىغان "ئىجابىي دىئالوگ" پىكرىنىڭمۇ ئاقمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئولىمپىك قىممەت قارىشى دەپسەندە قىلىنمىسۇن
دوكلاتتا يەنە، دۇنيا تەنھەرىكەتچىلەر جەمئىيىتى چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەدە قىلغان كىشىلىك ھوقۇقلارنى ئۆز خەلقىگە بېرىشكە چاقىرىش تەكىتلىنىپ، ئولىمپىك نىزامنامىسىدە "ئادەم قەدىر قىممىتى ساقلانغان تىنچ جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، تەنھەرىكەتنى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش" كۆرسىتىلگەنلىكى، شۇڭا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جۈملىدىن تەنتەربىيە مەستانىلىرىنىڭ بۇ نىزامنامە روھىنى قوغداش بۇرچىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ غەيرەتكە كېلىپ، ئولىمپىك قىممەت قارىشىنىڭ خىتايدا خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا رۇسىيىلىك ئۆكتىچى ۋلادىمىر بۇكوۋىسكىينىڭ 1980 - يىللىق ئولىمپىكنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەيىبلەپ "سىياسىي جەھەتتىن مىسلىسىز خاتالىق؛ ئىنسانىي جەھەتتىن رەزىل قىلمىش؛ قانۇنىي جەھەتتىن بىر جىنايەت" دەپ ئېيتقانلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى سۈرەتلەشكە ھەم باپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش، بولۇپمۇ تۈرمىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئولىمپىكتىن ئىلگىرى قويۇۋېتىش مەسىلىلىرىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.
قىلىشقا تېگىشلىك 9 تۈرلۈك ئىش
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان 9 ئىش تۆۋەندىكىچە :
1. خىتايدا سۆز- پىكىر ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان بارلىق مۇخبىرلار ۋە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنى قويۇپ بېرىش.
2. ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇدىغان چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى خەۋەرچىلىرى قوللانمىسىدىكى چەكلەش خاراكتېرلىك ماددىلارنى چىقىپ تاشلاش.
3. خىتايدىكى مەتبۇئاتلارنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان تەشۋىقات ئىدارىسىنى تارقىتىۋېتىش.
4. چەتئەل رادىئولىرىنى توسۇش قىلمىشلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش.
5. چەتئەلگە جايلاشقان خەۋەر ۋە ئۇچۇر تور بەتلىرىگە بولغان قامال قىلىشنى ئاياغلاشتۇرۇش.
6. ئىنتېرنېت مەزمۇنىنى چەكلەيدىغان "11 تۈرلۈك ئىنتېرنېت تۈزۈمى" نى يولغا قويۇشنى كېچىكتۈرۈش.
7. خىتاينى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇستىدىن قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇشنى توختىتىش.
8. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چەتئەل خەۋەرلىرىدىن مەزمۇن ۋە كۆرىنىشلەرنى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىسىز ئىشلەتمەسلىك چەكلىمىسىنى ئېلىپ تاشلاش.
9. مۇخبىرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ مۇستەقىل تەشكىلاتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تەنھەركەتچى ئارمىيە ھوشۇرۇف
- ئامېرىكىدا كوممۇنىستىك تۇزۇم قۇربانلىرىغا خاتىرە ئابىدىسى تىكلەندى
- خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
- پرېزىدېنتى جورج بۇش پراگا شەھىرىدە دۇنيا دېموكراتىيىسى ھەققىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى
- 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى چۇقان كۈچەيمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن يېڭى چىققان بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت
- بېيجىڭدا، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار قاماپ قويۇلغان
- غەرب دۆلەتلىرى نىمىشقا خىتاي بىلەن قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالىمايدۇ؟
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقتا كەينىگە چېكىنىپ كېتىش بىلەن ئەيىپلىدى
- بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى
- "ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش" خىتايلار پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سۆز