د ئۇ ق "2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولۇمپىكىگە قارشى كومىتېتى" نىڭ پائالىيەتلىرى جانلانماقتا


2007.08.03

د ئۇ ق نىڭ " 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولۇمپىكىگە قارشى كومىتېتى" 2007 - يىلى 5 - ئايدا د ئۇ ق گوللاندىيىدە ئۆتكۈزگەن " 1 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى" مەزگىلىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كومىتېت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىككى ئاي مابەينىدە، خەلقئارالىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى پائال ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارغان ئىدى.

" 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولۇمپىكىگە قارشى كومىتېت" نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىشتىراكى بىلەن 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە چاقىرىلغان د ئۇ ق 2 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا بۇ كومىتېتنىڭ بىر يىللىق پىلان - لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئەسقەرجان ئەپەندى بېيجىڭ ئولۇمپىكىگە قارشى كومىتېتنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كومىتېتنىڭ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سەمىمىزگە سالدى.

ئەسقەرجان ئەپەندى يەنە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر يىل قالغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەر، گېرمانلار، ياپۇنلار ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىر نەچچە يۈز ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە بىر يۈرۈش قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەسقەرجان ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە د ئۇ ق نىڭ 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، پات ئارىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا نارازىلىق مەكتۇپلىرى يوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق بېيجىڭ ئولۇمپىكىگە قارشى كومىتېتنىڭ ھەر قايسى ئەللەردىكى ۋەكىللىرى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئېلىپ بارىدىغان يەنە بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ پىلان - پروگراممىلىرىنى 27 - ئىيۇل كۈنى چاقىرىلغان 2 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا قاراردىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەرگىمۇ ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ، كۆپلىگەن مىللەتلەر ئىشتىراك قىلىدىكەن ۋە خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ئىزچىل ھەمكارلىشىدىكەن. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.