چىگرىسىز مۇخبىرلار : خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى


2007.08.06

QMTezaliri-200.jpg
چ م ت نىڭ باش سەكرىتارى روبېرت مېنارد (ئوڭدىن ئىككىنچى)، 2007 - يىلى 6 - ئاۋغۇستتا، بېيجىڭدىكى نامايىشتا سۆزدە. General secretary of Reporters Without Borders Robert Menard (2nd R) speaks as he and three colleagues hold a demonstration across the street across from the Beijing Olympic organising committee's headquarters in Beijing, 06 August 2007. AFP PHOTO/Peter PARKS

خىتاي مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. مەركىزى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قەدەر مۇخبىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇندىمىدى، دەپ تەنقىد قىلدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەبۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

چ م ت: خىتاي ئولىمپىكنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ خىزمەت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي چاقىرىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىدىن روبېرت مېنارد، فېرناندو كاستىللو، رۇبىنا مۆخرىڭ، ۋىنسېنت بروسسېللار ئولىمپىكنىڭ 5 ھالقسىمان سىمىۋۇلى ئورنىغا 5 كويزىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى مۇخبىرلار، ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىنى ۋە پىكىر ئەركىنلىك پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى روبېرت مېنارد باياناتىدا " سىلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئوخشاش زور تەنتەربىيە پائالىيىتىنى خىتاي تۈرمىسىنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا ئۆتكۈزسەڭلار بولمايدۇ،" دەپ ئەسكەرتىپ، " دائىرىلەر بۇ مۇسابىقىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. ھۆكۈمەتنىڭ ' بىر دۇنيا، بىر غايە،' دېگەن شۇئارى بارغانسىرى قۇرۇقگەپكە ئايلىنىپ قالماقتا. بۇ پارتىيىنى ئاغدۇرۇش ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئەكسىنچىدۇر. لېكىن بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋەدىسىدە تۇرمىدى شۇنداقلا ئولىمپىك روھىنى كەمسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى نىمە ئىش قىلىدۇ ؟

OCReisi-Xitay-200.jpg
خەلىقارالىق ئولىمپك كومىتېتىنىڭ پرەزىدېنتى جاككۇئېس روجى ۋە ئايالى، خىتاي ئولىمپىك ئەمەلدارىنىڭ ھەمرالىغىدا. 2007 - يىلى 6 - ئاۋغۇست، بېيجىڭ International Olympic Committee (IOC) president Jacques Rogge (R) and his wife Anne are briefed by Chinese officials during a visit to Beijing, 06 August 2007.AFP PHOTO/Frederic J. BROWN

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ لاتېن تىلىدا سۆزلىشىدىغان رايونلار مەسئۇلى فېرناندۇ كاستېللو، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەكس روگېنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

فېرناندۇ كاستېللو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دەيدۇ ، "ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بىر يىل قالغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى تەلەپ قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى يەنى تۈرمىدىكى مۇخبىرلارنى، ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىش، ئىنتېرنېتنى چەكلەشكە خاتىمە بېرىش ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خەۋەر بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ھازىرغىچە تەلەپ قىلمىدى."

خىتاي ھۆكۈمىتى نىمىشقا ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ ؟

ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋجۇي، خىىتاينىڭ ۋەدىسىنى ئورۇندىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ، "خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى يولغا قويۇلسا، بىر پارتىيە دىكتاتۇرلىقىغا دەز كېتىشى مۈمكىن،" دەپ كۆرسەتتى.

ليۇ شاۋجۇي، " ئاخبارات ئەركىنلىكى ياكى ئۇچۇرنى بىلىش ئەركىنلىكى بۇ بىر ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىدۇر. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى. جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىمىز ئوخشىمايدۇ، دېگەنلىك ئەمىلىيەتتە بىر پارتىيە دىكتاتۇرلۇقىدىن ئىبارەت بۇ ئەنگۈشتەردىن ۋاز كېچىشنى خالىمىغانلىقتۇر. شۇڭا ئۇلار بىر پارتىيە دىكتاتۇرلىقىدا كىشىلەرنى قانچىلىك ئالدىيالىسا، شۇنچىلىك ئالداش يولىنى تۇتىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇچۇر ئەركىنلىكى يولغا قويۇلسا، پۇقرالارنى ئالداش مۇمكىنچىلىكى قالمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا بىر پارتىيە دىكتاتۇرلۇقى يىمىرىلىشى مۈمكىن. شۇڭا خۇ جىڭتاۋ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئەشەددىي پوزىتسىيە تۇتماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.

چ م ت بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلامدۇ ؟

JournalistQuestioned-200.jpg
خىتاي ساقچىلىرى، 2007 - يىلى 6 - ئاۋغۇستتا، بېيجىڭدىكى نامايىش قىلغان ۋە نامايىشنى زىيارەت قىلىۋاتقان مۇخبىرلارنى سوراق قىلماقتا. Beijing police (L) question foreign journalists, including an AFP reporter, who were covering a protest by an international press freedom group opposite the Beijing Olympic organising committee's headquarters in Beiijing, 06 August 2007. AFP PHOTO/Peter PARKS

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى خادىملار بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ۋېنسېنت برۇسسېلى بېيجىڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ مەيدانىنى يەنە تەكىتلەپ، "ئەڭ مۇھىمى بىز بۇ يەرگە بايقۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، تور بەتلىرىگە كىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە رادىئو كاشىلىسىغا خاتىمە بېرىشكە كەلگەنمىز،" دەپ كۆرسەتتى.

ئولىمپىك دۇنياغا ئېچىلىشتىكى كۆزنەك

رادىئومىزغا خىتاي كومپارتىيىسى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ھەيۋە كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ليۇ شاۋجۇي، لېكىن بۇ مۇسابىقە دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرىنى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە تارتىشتىكى كۆزنەك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " بۇرۇن كومپارتىيە دەرۋازىنى تاقىۋېلىپ جاھان سوراشنى ياخشى كۆرەتتى. بولۇپمۇ خۇ جىڭتاۋدا بۇ خائىش تېخىمۇ ئېغىر. بۇرۇن سېستىما دەرۋازىنى تاقىۋېلىشقا باغلىناتتى. لېكىن ئولىمپىك ئۇ تاقىسىمۇ تاقىغىلى بولمايدىغان بىر كۆزنەك بولۇپ قالدى. ئەمدى بۇ كۆزنەكنى تاقىۋېلىش تەس، تاقىۋالغان تەقدىردىمۇ پۈتۈن دۇنيا سىزنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ."

خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوش ئۆلچەم قوللانماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارنى رۇخسەتسىز ساياھەت قىلىش ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىسىز خالىغان كىشىلەر سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ بەلگىلىمە 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىكى گېرمانىيىنىڭ بېيجىڭدىكى بىر مۇخبىرى بىلەن يەنە بىر ئامېرىكا مۇخبىرىغا بۇ يىل 4 - ئايدا تىبەتنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەت بەلگىلىمىدىكى رايونلارغا كىرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ليۇ شاۋجۇي خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ مەسىلىدە قوش ئۆلچەم قوللۇنۇش بىلەن ئەيىپلىدى. ئۇ، "ئۇلار قوش ئۆلچەم قوللانماقتا. خەنزۇلار رايونىغا بىر خىل ئۆلچەم، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا يەنە بىر خىل ئۆلچەم قوللۇنۇش بۇ پۈتۈنلەي ئالجىغانلىقتۇر. ئەگەر جۇڭگو ئاتالمىش كۆپ مىللەتلىك، ئىتتىپاقلاشقان بىر دۆلەت بولسا، ھەممە يەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش لازىم. مەركىزى ھۆكۈمەت بۇ بەلگىلىمىنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغىمۇ قوللىنىشى كېرەك،" دەيدۇ.

چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن 4 كىشىلىك گۇرۇپپىدىكى رۇبىنا مۆخرىڭ، مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاۋستىريىلىك مۇئاۋىن پرېزىدېنتى. مۆخرىڭ، ئاخبارات يىغىنىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممە ئادەمنى جۈملىدىن بىزنىمۇ ئۆتكەن 1 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا كولدىرلاتتى. ئۇلار بىزگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھىچ بىرىدە تۇرمىدى،" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.