ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قانۇن لايىھىسى سۇندى


2007.08.08

OlimpikMediaWatch-200.jpg
خىتاينىڭ جورنالىسلارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىشىگە قارشى كىتاپ. Bob Dietz, Asia coordinator for media watchdog, Committee to Protect Journalists (CPJ) holds up its just released report titled "Falling Short" in Beijing, 07 August 2007. China is facing mounting pressure to honour media-freedom pledges it made for the 2008 Olympics, with Western groups accusing the government of harassing and unfairly jailing journalists. AFP PHOTO/Peter PARKS

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئاز قالغان بىر مەزگىلدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسى ناچار بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە ‏- ئىگە ئەمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭلا ئەمەس، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى بېسىمى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدىكى دېموكرات نامزاتلارنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 8 نەپەر ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ياخشىلىمىسا، بۇش ھۆكۈمىتىنى 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىدىغان بىر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى ھازىرلىدى.

جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزالىرى بۇ لايىھىنى سۇندى

كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن دانا روباكېر ئەپەندى ۋە ئىلئېئانا. روس لېتىنانت خانىملار ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى ھازىرغىچە ئاۋام پالاتاسىدىكى 6 نەپەر ئەزانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. قانۇن تەكلىپ لايىھىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنى پۇقرالارغا پىكىر قىلىش، سۆز، دىنىي ئېتىقاد ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى بېرىشنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلماقتا، دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىڭلىغان سىياسىي مەھبۇسلارنى سوت ئاچماي، سۇئال- سوراقسىز تۇتۇپ تۇرماقتا، دەپ تەنقىد قىلدى. قانۇن تەكلىپ لايىھىسىدە يەنە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى 1936 ‏- يىلى ناتسېستلار گېرمانىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان ساھىبخان دۆلەتنىڭ ئوبرازى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تەنھەركەتچىلەرنىڭ كىشىلىكى ۋە ئولىمپىك روھىغا نۇقسان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەتىلدە بولۇپ، مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى 9 - ئايدا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى مۇمكىن. مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ، لېكىن بۇ قانۇن بۇش ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چەكلەشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە ئۈندەيدىغان تەۋىسىيە خاراكتېرلىك قانۇن بولۇپ، ئۇ بۇش ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى چەكلەشكە بۇرۇيدىغان مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس.

رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى قوللىدى

MIT-rabiye1-150.jpg
رابىيە خانىم MIT دا سۆزدە. Photo by UAA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئورگانلارنىڭ بىرى بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى قوللىدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىدېئولوگىيە ۋە سىياسىي قانۇن سېپىدىكى كادىرلارغا قىلغان سۆزىدە "كىشىلىك ھوقۇقنى، مىللىي ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، مەسىلە تۇغدۇرغۇچىلارغا 'زەربە بېرىش ۋە ئېغىر بېسىم ئىشلىتىش ۋەزىيىتىنى'ساقلاپ قېلىش ھەققىدىكى سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتكە جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر " دەپ كۆرسەتتى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روباكېر ۋە ئىلېنا. روس لېتىنانتلارنىڭ قانۇن تەكلىپ لايىھىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىقتا سۇدانغا يان بېسىشنى توختىتىش، بېرما ۋە شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى قوللاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇش ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مەسىلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭلا ئەمەس، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى ت. كۇمار خىتاينى تەنقىدلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى ت. كۇمار سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا مىللىي ئاخبارات كۇلۇبىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، پرېزىدېنت بۇش ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىسنى خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز، دېگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئۆتۈندى.

ت. كۇمار، " خىتاينىڭ قىلىقى ناھايىتى غەلىتە . ئۇلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى تالاشقاندا بىر قاتار ۋەدىلەرنى بېرىپ، ئەگەر ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشسە، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن. 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى قايتا - قايتا ۋەدە بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز، دېگەن ئىدى. قىسقىسى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ئولىمپىك يىغىنىغا باغلىغان " دەيدۇ. ئۇ يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى "قىلغىلى بولىدىغان" بەزى "ئەھمىيەتلىك" مەسىلىلەردە خىتاينىڭ ئۆزگىرىش ياسىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قىلالايدىغان بۇ ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەر ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش، خىتاي ياكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، تۈرمىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى زاتلارنى قويۇۋېتىش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلار، دەپ كۆرسەتتى.

جياڭ شاۋيۈي: "ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز "

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋە چولپانلار، ئەگەر خىتاي سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش توغرىسىدا سۇدانغا بېسىم ئىشلەتمىسە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرماقتا. ئامېرىكىدىكى مەشھۇر كىنو رېجىسسورى سپېلبېرگ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دارفۇر مەسىلىسىدە يەنە جىم تۇرۇۋالسا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سەنئەت مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇلاھىزىچى ليۇ شاۋجۇي، ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرى خىتايغا بۇرالغانلىقىنى، لېكىن بۇ خىتاي رەھبەرلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،" مېنىڭ پەرىزىمچە، ئولىمپىك يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمىسە،خۇ جىڭتاۋ خۇرسەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئولىمپىك بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئورنىنى كۆتەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن سەتچىلىكلىرى پاش بولىدۇ. كىشىلەرنى نەزىرى بېيجىڭغا مەركەزلىشىپ نۇرغۇن قاراڭغۇلۇقلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن " دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تەشكىللىگۈچى ئەمەلدارلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش تەلەپلىرىنى ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقتۇر، دەپ ئەيىبلەپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چەتئەللىكلەرنىڭ سىياسىي مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قورالى قىلىۋىلىشقا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. بېيجىڭ ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جياڭ شاۋيۈي ئالدىنقى كۈنى "ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.