خىتاينىڭ 2008 يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىشىگە بىر يىل قالغان كۈنى شۋېتسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار كۈنىگە توغرا كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە بىر يىل قالغانلىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقان بۇ كۈنى شۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدىمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدىكى بەس مۇنازىرىلەر قىزىپ كەتكەن ئىدى.
مۇنازىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى "خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش كېرەكمۇ ،خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش خىتايدا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەمدۇ ؟" دېگەندەك تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
شۋېتسىيىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بولغان "كۈندىلىك خەۋەرلەر،" "ستوكھولم شەھىرى،" "شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسى،" ۋە بىر قىسم جانلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان تور بەتلىرىدە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلاڭ.