خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 8- ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بىر يىل قالغانلىقىنى تەنتەنىلىك مۇراسىملار بىلەن قارشى ئېلىشى بىلەن بىرلىكتە، ئۇزۇندىن بېرى 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ بېيجىڭغا بېرىلگەنلىكىنىڭ توغرا بىر قارار بولۇپ- بولمىغانلىقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇنازىرىلەر تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.
خەلقئارا جامائەت، 2008- يىللىق ئولىمپىك بېيجىڭغا خاتا بېرىلگەن دەپ قارىماقتا
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، نۇرغۇنلىغان مەتبۇئات، سىياسىيونلار ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى شۇنداقلا دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى بولغان سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقانلىقى تۈپەيلى، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ بېيجىڭغا بېرىلگەنلىكىنى خاتا بىر قارار دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېپىلماس بىر تەشۋىقات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مەسىلسىدە تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىشى مۇمكىن.
11-ئاۋغۇست كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ ي نىت خەۋەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، 1936- يىلى فاشىست گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.
گېلاد ناتھان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن" ۋەيمەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە 1936- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ساھىپخانلىق ھوقۇقى بېرلىن شەھىرىگە بېرىلدى. ۋەيمەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن گېرمانىيىدە فاشىستلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. گىتلېرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېرلىندا ئۆتكۈزۈلۈشى توغرىسىدا بەزى مۇنازىرىلەر قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۇنى بايقۇت قىلىشىنى خالىمىدى."
"72 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دۇنيا 1936 - يىلىدىكى خاتالىقنى يەنە ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ"
گىتلېر ھۆكۈمىتىنىڭ 1936- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن ئۆزىنىڭ قۇدرىتى نامايان قىلىش ئۈچۈن چوڭ بىر تەشۋىقات قورالى سۈپتىدە پايدىلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن گېلاد ناتھان ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ ": ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى فاشىست گېرمانىيىگە ئوخشاش دىكتاتور بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈش خاتالىقىدىن 72 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىنى يەنە بىر دىكتاتورلۇققا يەنى خىتايغا بېرىۋاتىدۇ."
ماقالىسىدە، گەرچە ئەركىن بازار ئىقتسادىي سىستېمىسىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھېلىمۇ دۆلەتنى ستالىن ھاكىمىيىتىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن گېلاد ناتھان مۇنداق دەيدۇ ": خىتاي ئوچۇق-ئاشكارا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە جەمئىيەت ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇپ، دۇنيا بازارلىرىغا ناھايىتى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن ئىشلىتىلىۋاتقان ئىشچىلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ئەرزان ۋە سۈپتى تۆۋەن تاۋارلارنى ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھاۋا، سۇ ۋە يەرنى كەك-چېگرىسىز بۇلغاۋاتىدۇ. خىتاي شۇنداقلا دۇنيادا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ھېچ ئەيمەنمەي ئۆلۈم ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىچ ئورگانلىرىنى ساتماقتا.
ماقالىسىدە، خىتايدىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ دىكتاتورلۇق ۋە كاپىتالىزىمدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر، ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى گىتلېرگە ئوخشاش ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۈچ ۋە قۇدرىتىنى دۇنياغا كۆرسىتىشكە تەييارلانماقتا، دېگەن. (ئۆمەر قانات)