بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە (2)


2007.08.15

2008‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا 360 كۈن قالدى. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇدان ھۆكۈمىتىنى ئۈزلۈكسىز قوللاۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار، تىنچلىقنى، كىشىلەر ئارىسىدا دوستلۇق ۋە قېرنداشلىقنى ئۈندەيدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ توغرا بىر قارار بولۇپ -بولمىغانلىقى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتتە جىددىي مۇنازىرە قوزغىماقتا.

بېيجىڭدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ئۈزلۈكسىز مۇنازىرە

ئالدىنقى پروگرامىمىزدا، 11‏-ئاۋغۇست كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ يېنېت خەۋەر تور بېتىدە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، 2008‏- يىللىق بېيجىڭ تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ 1936‏- يىلى فاشىست گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىلەن سېلىشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

13 ‏-ئاۋغۇست كۈنى كانادادا چىقىدىغان "ئىدمونتون سەن" يەنى ئىدمونتون قوياش گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە 2008‏-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى 1980‏- يىلىدىكى موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.

پېتەر ۋورتىڭتون تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە، 1979‏- يىلى يەنى 28 يىل بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى پرېزىدېنتى جىمى كارتەرنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان ئىشغالى سەۋەبىدىن 1980‏- يىللىق موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانلىقى، بۈگۈن بولسا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

گەرچە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى پرېزىدېنت جىمىي كارتەرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پېتەر ۋورتىڭتون ماقالىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ": نەتىجىدە 60 ئەتراپىدا دۆلەت موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلدى ۋە 1980‏-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى سوۋىت ئىتتىپاقى ئۈچۈن چوڭ ئىقتسادىي ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلدى."

خەلقئارا جامائەتنىڭ 1980‏- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق ئافغانىستاننى ئىشغال قىلغان سوۋىت ئىتتىپاقىنى جازالاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاپتۇر، بۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تېخى بىر نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008‏- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بىر يىل قالغانلىقىنى تەنتەنىلىك مۇراسىملار بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە

ماقالىسىدە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىللىرىنىڭ، بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىق پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر": سۇدان ھۆكۈمىتىنى ئىقتسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر دا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا چوڭ مەسئۇلىيىتى بار" دەپ كۆرسەتكەن.

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغالى سەۋەبىدىن 1980‏- يىللىق موسكۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ 2008‏-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئاپتۇر يەنە": خىتاي ھۆكۈمىتى، 2008‏-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلگەن مەزگىلدە، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمايلا قالماستىن، تىنچلىق پەرۋەر ئۇيغۇر خەلقىگە ۋە تىبەتكە قاراتقان باستۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە ھۆسەيىن جېلىلغا ئوخشاش گۆرۆگە ئېلىۋالغان كىشىلەرنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرى بىلەن جازالاۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.