
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر يىل قالغان خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 4 - ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار تەرىپىدىن نامايىش ۋە باشقا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەزمۇندىكى ھەرىكەتلەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەۋجى ئالماقتا.
خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ غەزىپى قوزغالماقتا
مەتبۇئاتلار بۈگۈنگە قەدەر ھىچ قانداق بىر دۆلەتنىڭ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇنداق قارشىلىقلارغا ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە. بۇندىن بىر يىل ئىلگىرى خىتاي تەرەپنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشسە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇندىمىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن تىبەتتە تېخىمۇ دەھشەتلىك مىللىي زۇلۇملارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە دارفۇر قىرغىنچىلىقىغا خىتاينىڭ بىۋاستە سەۋەبچى بولغانلىقى بۇ قارشىلىقلارنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولماقتا. خىتاي تەرەپنىڭ قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ، خەلقئارالىق نارازىلىقلارغا ئىنكاس بىلدۈرمەسلىكى خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىماقتا.
9 - ئاۋغۇست كۈنى گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھرىدە باشلانغان 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئولىمپىك مەش' ئەلىنى يېقىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان 32 دۆلەتتىكى 100 شەھەردە داۋام قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
25 - ئاۋغۇست كۈنى يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ
د ئۇ ق، خىتاي دېموكراتىك فېدىراتسيونى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، فالۇنگوڭ تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيىدىكى باشقا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە باياناتىنىڭ روھىغا ئاساسلانغاندا، بۇ تەشكىلاتلار 25 - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
ميۇنخېن شەھرىدە مەشئەل كۆتۈرۈپ يۈگرەش ۋە نامايىش قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئاخبارات باياننامىسىنىڭ باش تېمىسى "ئىنسان ھەقلىرى بولمايدىكەن، خىتايدا ئولىمپىك بولمايدۇ" دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي خەلقى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى شەرھىلەنگەن.
مىيۇنخېندا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ پائالىيەت ئولىمپىك مەيدانىدا مەشئەل ياندۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونى بولغان مۈنچەنەر فرەئىھەئىت دېگەن كوچىسىغىچە مەشئەل كۆتۈرۈپ يۈگرەش بىلەن بىرگە، بۇ يەردىن شەھەرنىڭ يەنە بىر چوڭ مەيدانى بولغان ئودىئونەس پلاتز دېگەن يېرىگىچە نامايىش قىلىپ يۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن چەتنەپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ
بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىنى كۈنسېرى كۈچلۈك شەكىللەردە ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بىلەن بىرگە د ئۇ ق، تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە فالۇنگوڭچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار 2008 يىلى 8 - ئايغا قەدەر 32 دۆلەتتىكى 100 شەھەردە نەچچە يۈز قېتىم پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.
سىياسىيونلارنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت سانىنىڭ كۆپلىكى، پائالىيەت تۈرلىرىنىڭ ھەر خىللىقى دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچلۈك دىققىتىگە ئېرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئولىمپىك كومىتېتى بىئارام بولۇپلا قالماستىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتلىرىمۇ بىئارام بولۇشقا باشلىغان. نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇ خىل بېسىملارنىڭ كۈچۈيۈپ بېرىشى، غەرب دۆلەت ئەربابلىرىنى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن چەتنەپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان.
2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى قايتا كۈن تەرتىپكە قويۇلۇشى مۇمكىن
غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى ئانالىزلارغا ئاساسلانغاندا، 2008 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ قەدەر دىققىتىگە چۈشۈپ قېلىشىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش تۈگۈل، بارغانسىرى يەرگە ئۇرۇلۇشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ باقمىغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن سىرت، خىتاي پۇقرالىرىمۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىش تەرەپدارى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر مەسىلىسى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە يەنىمۇ بىر بالداق كۆككە كۆتۈرۈلۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.
خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى بولسا؛ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگىچە ۋە مۇسابىقە باشلانغان مەزگىللەردە ھەر تۈرلۈك كۈتۈلمىگەن قارشىلىق ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن.
دىققەتنى چېكىدىغىنى شۇكى، خىتاينىڭ بۇ مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش شۇئارلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بارغانسىرى ئەدەپ بېرىشى، 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈش مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈن تەرتىپكە قويۇش ئېھتىماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئەكرەم).