خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئۆزگەرتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00
beijing_olympics_300.jpg
خىتايدا ئولىمپىك؟ چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى رەسىمى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتتا، گەرچە 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ئاز قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈزلۈكسىز ناچارلاشماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ۋەدىسىدە تۇرمىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاينى ۋەدىسىدە تۇرغۇزۇش ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئۆزگەرتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. دوكلاتتا، ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش، ئۆلۇم جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى جازالاش، مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنېتنى تەقىب قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. دوكلاتتا بېيجىڭدا پۇقرالار ئولىمپىك يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلار سەۋەبىدىن ئۆي ماكانىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي 2001 - يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئەگەر بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشسە، 2008 - يىلغىچە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلايمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن.

خىتايدا ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بولۇپمۇ "ئاساسى قاتلامدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش داۋام قىلماقتا شۇنداقلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىنتېرنېتكە قارىتىلغان كونترولى كۈچەيمەكتە، " دەپ كۆرسەتتى. دوكلاتتا، "خىتاي بويىچە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ داۋاملىق تۈردە ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بار، بۇ مۇقۇمسىزلىقنى ۋە بىئاراملىقنى كۈچەيتمەكتە، " دەيدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىنى قارشى ئالدى ۋە يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى قولىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئولىمپىك يىغىنى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى رەت قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ، خىتاينىڭ "ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى" بىلدۈردى.

خىتاي سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك

ئولىمپىك يىغىنىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەمچى بولىدۇ،

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى خىتايغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىر تەرەپلىمىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن چىن گاڭ، "خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى سىياسى مەقسەتلىك ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرى ئاساسسىز، " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە دېموكراتىيىنى ھۆرمەت قىلماقتا شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن. لېكىن ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى ئۈچۈن سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا نيۇ - يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلەر پروفېسسورى كوڭ جېيروڭ، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا مۇستەقىل ئەدلىيە تۈزۈمى خىتايدا سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك خاگېلنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سىياسى تۈزۈمى بىلەن ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى ئارىسىدا زور بوشلۇق مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىسپات بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، " نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادى لىبېرالىزم بىلەن قالاق سىياسى تۈزۈمى ئوتتۇرىسىدا زور بوشلۇق مەۋجۇت، " دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەزى خىتاي رەھبەرلىرى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىملىقىنى تونىغان. ئۇ، زوراۋان ۋە ئاشكارە بولمىغان سىياسەت، دىموكراتىيە نازارەت قىلمايدىغان سىياسى تۈزۈم خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلىكسىز تەرەققىياتىغا زور رىقابەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتتا خىتاي دائىرىلىرىنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈگۈتۈشكە چاقىرىپ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش، ئۇچۇر ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە "خىتاي دائىرىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشنى" تەلەپ قىلدى. لېكىن ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ پىكىرىنى توغرا، دەپ قاراشقا ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى، دەپ قاراشقا ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئولىمپىك كومىتېتى باياناتچىسى گىسېللې دەيۋىس، "بىزنىڭ خىزمىتىمىز بېسىم ئىشلىتىش ئەمەس، بۇ بىزنىڭ مېتودىمىزغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ"، دەيدۇ. 2001 - يىلى خىتاي ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى تالاشقاندا خىتاي ۋەكىلى ئولىمپىك كومىتېتىغا ئولىمپىك يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە، بۇ خىتاينىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىغا پايدىسى تېگىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەينى چاغدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى تالىشىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ جىنمىننىڭ "ئولىمپىك يىغىنىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەمچى بولىدۇ،" دېگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىندا 2008 - يىلغىچە بېيجىڭدا تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر مىليون ئاققۇن ۋە نېرۋا كېسەللىرىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى ئەيىبلىدى. (ئەركىن)