ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتى 2 يىلدىن بېرى خىتايدا يېمەكلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش جەريانىدا يېمەكلىكنىڭ تازىلىقى، ساپلىقى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تەكشۈردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە،خىتاينىڭ يېمەكلىكلىرىدە تازىلىق يېتەرسىزلىكى، زەھەرلىك خىمىيىۋىي ماددىلارنىڭ تەسىرى ئېغىر دەرىجىدە بايقالغان.
بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتى ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېمەكلىكىنى ئامېرىكىدىن ئېلىپ بېرىشنى بېكىتتى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيىچە، ئامېرىكىنىڭ كوللېگ ۋە تايسون يېمەكلىك شىركىتى، ئولىمپىك باشلىنىشتىن 10 كۈن بۇرۇن يېتەرلىك مىقداردا گۆش ۋە تۇخۇم يۆتكەپ ئاپىرىدۇ، ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەر 3 ۋاق تامىقىنى ئامېرىكا ئاشخانىسىدىن يەيدۇ.
ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 2007 - يىلى 5 - سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېمەكلىك سۈپىتىنى خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، مەخسۇس، ئولىمپىك كۆكتات ئېتىزى ۋە ئولىمپىك چوشقا قوتىنى بەرپا قىلغان.
ئولىمپىك كۆكتات ئېتىزىدىكى كۆكتاتلارغا خىمىيىۋىي ئوغۇت قوللانماسلىق، ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى قوللانماسلىق، چوشقىلارنىمۇ ئورگانىك ئوزۇقلۇقلار بىلەن بېقىش، يېشىل ئوتلار بىلەن تەمىنلەش، ھەر كۈنى 2 سائەت سىرتنى ئايلاندۇرۇپ، چوشقىلارنى تەنھەرىكەت قىلدۇرۇش قاتارلىق يېڭى تۈزۈملەرنى بېكىتكەن. ئەمما خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۈچۈن مەخسۇس چوشقا بېقىش چارىسى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاينىڭ ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە مەيلى ھاۋا - كىلىمات جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى يېمەك ئىچمەك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەدەنىي -مائارىپ جەھەتتىن بولسۇن، ئولىمپىككە ساھىپخانلىق قىلىش لاياقىتىگە ئىگە ئەمەس. خىتاينىڭ دۆلەت مەبلىغىغە تايىنىپ تۇرۇپ سېلىۋاتقان تەنھەرىكەت قۇرۇلۇشلىرى، خىتاي جەمىيىتىنىڭ تەبىئىي تەرەققىياتىنىڭ مەسئۇلى ئەمەس، ئۇ پەقەت خەلقنىڭ قان-تەرى، يىغا -زارىسى بەدىلىگە پۈتۈپ چىققان قۇرۇلۇش؛ چۈنكى نۆۋەتتە خىتاي خەلقىنىڭ كەچۈرۈۋاتقان كۈنى ئولىمپىك چوشقىسىنىڭ تۇرمۇشىدىن ناچار.
خىتاي بۇ نۆۋەت، ئۆزلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى تەييارلىقلىرىغىمۇ كۆپ ئىشەنگەن. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئۆتكەن يىل 14 -نويابىر كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېمەكلىك مەسىلىسىدە ئالاھىدە تەييارلىق قىلغانلىقىنى، مەخسۇس ئولىمپىك كوكتاتلىقى،ۋە مەخسۇس ئولىمپىك چوشقىسى بېقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە چەتئەللىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سىرتتىن يېمەكلىك ئەكىلىشىگە ھاجەت يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ يىل 12 -فېۋرال خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىلىق تەنھەركەتچىلەرنىڭ خىتايدىن تاماق يېمەسلىك قارارى، چەتئەللىك تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن بىر باشلانغۇچ ھەركەت بولۇپ، باشقا چەتئەللىك تەنھەركەتچىلەرنىڭمۇ خىتاي تامىقىنى يىمەسلىكى ئېھتىمالغا يېقىن.
ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن خامىلتون خانىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ بۇ يىل 7 -ئايدا، بېيجىڭغا بارىدۇ، ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئامېرىكا ئولىمپىك چېنىقىش مەركىزىدىكى ئاشخانىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئۇنىڭ پىلانى بويىچە، مەۋجۇت ئاشخانىنىڭ بىر نەپەر ياردەمچى ئاشپىزىدىن باشقا بارلىق خىزمەتچىلىرى يەڭگىشلىنىدۇ، ئاشخانىدىكى قازان-چۈمۇچتىن تارتىپ بارلىق سايمانلار ئامېرىكىنىڭكىگە ئالماشتۇرىلىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى ئولىمپىكتا ئامېرىكا يېمەكلىكلىرىنى قوشۇمچە قىلغان بولسىمۇ، ئۈچ تامىقىنى ئۆزىدىن يېيىش يولىنى تاللىمىغان. بۇ سەۋەپتىن چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرى، بۇ ۋەزىيەتنى خىتاي مىللىتى يولۇققان بىر ھاقارەت دەپ قاراشماقتا ۋە بۇنىڭ جاۋاپكارلىقىنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە يۈكلىمەكتە.
ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار، گۆش، ئۇن، كۆكتات قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىنى ئامېرىكىدىن ئاپارغاندىن باشقا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ياپونىيىدىن ئەكىلىدۇ، مېۋە-چىۋىنى ئاۋسترالىيىدىن ئەكىلىدۇ. ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى خىتاينىڭ ھىچقانداق يېمەك-ئىچمىكىگە ئېغىز تەگمەيدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)