ئۇيغۇرلار ئولىمپىك مەشئىلى بىكىتى ئىستانبۇلدا بىرلەشمە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00
Istanbul-olimpik-200.jpg
‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىستانبۇل شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. RFA Photo / Arslan

2008 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىستانبۇل شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مىللەت يولىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق "گولدىن ھىل" مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ 120 دىن ئارتۇق ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى

بۇ يىغىننى مەركىزى قەيسەرى شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ت ر ت ۋە قانال 7 قاتارلىق بىر قانچە رادىئو ‏- تېلىۋېزىسىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ئاخباراتچىلار، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ 120 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبە باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار، شەرقىي تۈركىستان ۋاقپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر سۇلتان مەھمۇد قەشقەرلى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەت تۈركۇز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تىبەت يۈجە تۈرك ئەپەندى، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ بوكسۇر ئەپەندى قاتارلىق رەھبەرلەر شەرقىي تۈركىستان ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيارنىڭ سۆزى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە بولۇۋاتقان خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قارشى تۇرىمەن. تىبەتتە يۇز بەرگەن تىراگېدىيىلەرگە ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئېچىنىمەن. خىتاي ھاكىمىيىتى شۇئان شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنى سادىر قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ ئازاتلىق كۆرىشىنى قوللاشقا چاقىرىمەن."

يىغىننىڭ مەقسىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇتاشتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇش

يىغىن ئويۇشتۇرۇلغان 7 قەۋەتلىك مېھمانخانىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان كەڭلىكى 6 مېتىر ئۇزۇنلىقى 8 مېتىر ھەجىمدىكى چوڭ رەسىمدە قەشقەر ھېيتگاھ ئالدىدا ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئاستىدا كۆيۈۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن ھەمدە تۈرك تىلىدا : "بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى شەرقىي تۈركىستاندا، تىبەتتە، ئىچكى موڭغۇلدا مەزلۇملارنى كۆيدۈرۈۋاتىدۇ"، "2008 ‏- يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايغا بەرگەنلەر زۇلۇمغا ھەمكارلاشقانلاردۇر" دېگەن سۆزلەر يېزىلغان بولۇپ ، بۇ كۆرۈنۇش يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى.

يىغىن ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن بۇ ئاخبارات يېغىنى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئارسلان)