خىتايدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرى چارشەنبە كۈنى، بۇ يىل ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن، " جۇڭگو ئىگىلىك باشقۇرۇش گېزىتى" نىڭ ئايال مۇخبىرى ۋۇ جېننىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە مۇخبىر ۋۇ جېننىڭ 2007 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم پەسلىدە مەزكۈر گېزىتكە مۇخبىرلىققا قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە ئاخبارات بۆلۈمىدە " باج " ساھەسى بۇيىچە خەۋەر ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ۋۇ جېن خىزمەتكە كىرىشكەندىن بۇيان، مالىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت خەۋەرلەرنى كۆپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆلتۈرۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن، گېزىتتە ئۇنىڭ "يېڭى باج تۈزۈمى چەتئەللەردىكى ئورگانلارنىڭ ئۇرۇش ئېلان قىلىشىغا دۇچ كەلدى" ناملىق 4 پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ئىكەن.
ۋۇ جېننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ زوراۋان كۈچلەرنى رەنجىتىپ سۈيقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى پەرەز قىلىشسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر "ئۇ بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ "دېيىشتى.
بىراق بۈگۈنگە قەدەر زادى ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ساقچىلار ئېنىق بىر خۇلاسە چىقارمىدى. " جۇڭگو ئىگىلىك باشقۇرۇش گېزىتى" ئۇنىڭ رەسىملىك سۈرىتىنى گېزىتكە باستى. ۋۇ جېننىڭ يۇرتتىكى يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.
" جۇڭگو ئىگىلىك باشقۇرۇش گېزىتى" ھەپتىلىك گېزىت بولۇپ، ئىستانسىمىز مەزكۈر گېزىتنىڭ تور بېتىدە ۋۇ جېننىڭ ئىسمىنىڭ تېخىچە ئۆچۈرۈۋېتىلمىگەنلىكىدىن خەۋەردار بولدى. ئىستانسىمىز مۇخبىرى چارشەنبە كۈنى جۇڭگو ئىگىلىك باشقۇرۇش گېزىتىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ، بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىر قانچە بۆلۈملەرنىڭ ھەممىسى قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇلار بۇ ۋەقەگە كادىرلار بۆلۈمى جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، ئەكسىچە كادىرلار بۆلۈمى مەسئۇلى باشلىقلارنىڭ يىغىنغا كەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كادىرلار بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىم : "مەن سىزگە ھېچنەرسە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن" دېدى.
مۇخبىر : خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇ قارا كۈچلەرنىڭ ئۆچ ئېلىش سۈيقەستىگە ئۇچراپتۇ، بۇ راستمۇ؟
بۆلۈم خىزمەتچىسى: مەن سىزگە ساقچىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ بەرگەن ئۇچۇرىنى ئېيتىپ بېرەي، ئۇ كوچىدا بۇلاڭچىلارغا ئۇچرىغان ۋە بۇلاڭچىلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىكەن.
مۇخبىر : ئەگەر، قارا كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇلار بۇ دېلونى خۇددى بۇلاڭچىلىق دېلوسىغا ئوخشىتىپ مەيدان ھازىرلىشى مۇمكىنمۇ؟
بۆلۈم خىزمەتچىسى: مېنىڭچە ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ساقچىلارنىڭ چىقارغان خۇلاسىسى توغرا يەكۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىستانسىمىز مۇخبىرى، ۋۇ جېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشنى قايتا - قايتا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كادىرلار بۆلۈمىدىكى خىزمەتچى خادىم، ئۆزىنىڭ تېلېفونغا جاۋاب بېرىدىغان خىزمەتچى ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ، بۇ تەلەپنى رەت قىلدى.
جۇڭگو ئىگىلىك باشقۇرۇش گېزىتىگە مەسئۇل ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىستانسىمىزغا مۇنداق دېدى" : ھازىر دېلو تېخى پاش قىلىنمىدى، قاتىلمۇ قولغا ئېلىنمىدى. پەرەزلەرگە قارىغاندا، بۇ بۇلاڭچىلىق دېلوسىدەك قىلىدۇ، ۋەقە كېچە 10 دىن كېيىن يۈز بەرگەن، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان يامان ئادەملەر بىر نەرسە بېرىشكە ئۇنىمىغان ھەر قانداق ئادەمنى قاتتىق ئۇرۇپ ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كېتىدىغان ھادىسىلەرنى كۆپ سادىر قىلىدىغان بولۇۋالدى."
مۇخبىر : ئۇنداقتا ئۇنىڭ يېنىدىكى پۇل يوقاپ كېتىپتىمۇ ؟
تەتقىقاتچى: ئىنچىكە نۇقتىلارنى بىلمەيمەن، دېلو پاش قىلىنمىدى، ساقچىلار ھازىرغا قەدەر توغرا بىر جاۋاب بەرمىدى، ئۇنىڭ كەلگىنىگە ئاران 3 -- 4 ئاي بولغان ئىدى، سىناق باسقۇچىمۇ تېخى يېقىندا ئاياغلاشقان ئىدى.
ئىستانسىمىز مۇخبىرى، چاۋياڭ رايونى ساقچى ئەترىتىگە تېلېفۇن ئۇرۇپ، بۇ دېلو ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولدى، ئەمما قارشى تەرەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتىزام تۈزۈمى بار ئىكەنلىكىنى، ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
چارشەنبە كۈنى، نۇرغۇنلىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرى مۇخبىر ۋۇ جېن ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلدى، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىمۇ بۇ ۋەقە ھەققىدە مۇنازىرە ۋە تەزىيەنامىلار يېزىلدى.
بېيجىڭلىقلار تور بەتلىرىدە "ئادەم ئۆلتۈرىدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ يۈرىكى تولىمۇ يوغىناپ كېتىپتۇ، مەركەز بېيجىڭدا يۈز بەرگەن بۇ دېلو تېز بىر تەرەپ قىلىنمىسا، كىم راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ"، " ھەقىقەت سۆزلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەلۇم بىر كۈچلەرنىڭ ئۆچ ئېلىش قەستىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن"، " راست گەپ قىلغان، ھەقىقەتنى ھىمايە قىلغان مۇخبىر ھەقىقىي مۇخبىر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان زادى كىم؟ "، " ۋۇ جېننى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى تېزراق قولغا ئېلىش كېرەك، جۇڭگو ئىگىلىك باشقۇرۇش گېزىتى، ئاخبارات ئورگانلىرى، مۇخبىرلار ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، جەمئىيەتكە، بارلىق ئاخبارات خادىملىرىغا مەزكۈر ۋەقەنىڭ ھەقىقەتنى يورۇتىدىغان بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك " دېگەن پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
بېيجىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى يۈ رېننىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ" : بۇ ۋەقەنىڭ بېيجىڭدا يۈز بېرىشى بولۇپمۇ مەملىكەتلىك ئاخبارات خىزمىتى يىغىنى تېخى يېڭى ئاياغلاشقان بىر پەيتكە توغرا كېلىشى، مەيلى بۇ دېلونىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى ياكى قارا گۇرۇھ ياكى بىرەر ھاكىمىيەت كۈچىنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك دېلو سادىر قىلىشىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ دېلو چىنلىق بىلەن پاش قىلىنمىسا، بۇ ئاخبارات قانۇنىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتكەندە قانۇن گېزىتىنىڭ بىر ئايال مۇخبىرى بىر ناھىيە ساقچىسى تەرىپىدىن قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قاتتىق بېسىمىغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئەپۇ سوراشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرىگە باغلىساق، جۇڭگودا مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش شارائىتىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگودا ھازىرغا قەدەر ئاخبارات قانۇنى چىقىرىلغىنى يوق، ئەگەر ئاخبارات قانۇنى چىقىرىلغان تەقدىردىمۇ، ھازىرقى سىياسىي مۇھىت تۈزۈلمىسىدە يەنىلا ئاخبارات ئەركىنلىكى كونتروللۇققا ئۇچرايدۇ." (ئەقىدە)