خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتى: خىتاي چاغاننىڭ ئالدىدىكى 2 ھەپتىدە 200 كىشىنى ئاتتى

0:00 / 0:00
screensaver2.gif

خىتايلارنىڭ يېڭى يىلى بولغان باھار بايرىمى، ئەسلى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇپ، خوشال-خورام تەبرىكلەيدىغان بىر بايرام بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بايرامنىڭ ئالدىدىكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە 200 كىشىنى ئېتىپ تاشلىغان. بۇ مەلۇماتنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشىنىڭ چاغاننىڭ ئالدىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ئۆتكەنكى ئىككى ئاي ئىچىدە 650 كىشىنى ئاتقان

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدىمۇ ئادەم ئېتىش سۈرئىتىنى ئالاھىدە تېزلەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىن بۇ يىل 1 - ئايغىچە بولغان قىسقىغىنە 2 ئاي ئىچىدە پۈتۈن خىتاي بويىچە 650 كىشىنى ئاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە ئۆلۈم جازاسىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاتقان ئەمەلىي ساننىڭ چوقۇم مەزكۈر تەشكىلات ئىگىلىگەن بۇ سانلىق مەلۇماتتىنمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى كاردېس ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

"بۇنداق ئەھۋال خىتايدا ھەر يىلى ئاز دېگەندە 4-5 قېتىم يۈز بېرىدۇ. مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئېتىش سانى بارغانسېرى ئۆرلەۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئادەتتە مۇشۇنىڭدەك چوڭ بايرام مەزگىلىدە ياكى بولمىسا ھۆكۈمەتنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىش ۋە 'قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى' گە ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى ئاساسلىقى كىشىلەرگە قورقاق سېلىش ئۈچۈندۇر".

خىتاي، ھەر بايرامدا كىشىلەرنى قورقۇتۇش مەقسىتىدە ئادەم ئاتىدۇ

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدا قانۇن ئىلمىدە ئوقۇۋاتقان ئالىم سېيتوف ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمۇ كاردېس ئەپەندىنىڭكى بىلەن بىردەك بولدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئېتىپ تاشلىغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ھەتتا بۇ سان دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئومۇمىي سانىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ سەۋەبتىن ھەر يىلى دېگۈدەك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا بۇ خىتايغا تەسىر قىلىۋاتامدۇ-يوق؟ كاردېس ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى تۆۋەندىكىچە بولدى:

"ھازىرغىچە خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى يەڭگىللەتكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق بىشارەت يوق. ئەمما نۆۋەتتە خىتايدىكى زىيالىلار ۋە مەتبۇئاتلاردا بۇ مەسىلە ئۈستىدە جىددىي بەس-مۇنازىرىلەر بولىۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى زىيالىلار، ئەگەر خىتاي مەدەنىيەتلىك بىر دۆلەت بولۇشنى ئويلىسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ چوقۇم ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يەنىلا ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ دائىرىدە يولغا قويىۋاتىدۇ."

خىتاي پەقەت ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرگىلا سىياسىي جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە باسقۇنچىلىق دېلولىرىدىن سىرت، زوراۋانلىق بولمىغان خىيانەتچىلىك، باج ئوغرىلاش ھەتتا سىياسىي جىنايەتكىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى جىنايەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. بۇ ھەقتە توختالغان ئالىم سېيتوف ئەپەندى، خىتاي بويىچە پەقەت ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرگىلا سىياسىي جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 1997 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى قارار ماقۇللاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا 80 دۆلەت ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. (پەرىدە)