دۇڭجۇ يېزىسىدا يەنە ئىككى نەپەر نامايىشچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى


2005.12.20
shanwei-clash-200.jpg
دوڭجۇ كەنتىدىكى دېھقانلار ساقچىلارنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ، قېرىنداشلىرىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشىگە يول قويۇشىنى تىلىمەكتە. Dajiyuan.com resimi

گۇاڭجۇدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى بولغان نەنفاڭ گېزىتى يەكشەنبە كۈنى شەنۋېي شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى توغرىلىق خەۋەر ئېلان قىلدى. مەزكۇر گېزىت شەنۋېي ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان، يەنى دۇڭجۇ كەنتىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى قوزغىغان 3 كىشىنىڭ ئاللىقاچان ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى شۇنىڭدەك ئەسلىدە يېزا ئاھالىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەرگە ئالدىن ھۇجۇم قوزغاپ زوراۋانلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى.

"يېزىدىكى ئامما ئۆزلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلىشىدىن قورقمايدۇ"

ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى، يېزا ئاھالىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفۇن زىيارىتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا خېلى كۆپ ئادەمگە ئوق تېگىپ يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، يېزا ئاھالىسى يەنە مۇخبىرغا ئۆزلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇش ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى شۇڭا تەييارلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىرىمىز تېلېفۇن زىيارىتى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا نەق مەيداندىن پىلىموت ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان.

مۇخبىرنىڭ "يېزىدىكى ئامما ئۆزلىرىنىڭ ئوققا تۇتۇلىشىدىن قورقمامدۇ؟" دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بەرگەن بۇ كىشى، "ياق، قورقمايدۇ ھازىر بىز ئۇلارغا ئۆلۈم بىلەن جاۋاپ بېرىمىز، ئۆلۈم ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئېلىشىمىز" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

مۇخبىرىمىز يەنە نەق مەيدانغا تېلېفۇن ئۇرغاندا، بىر دېھقان ئىككى ئادەمنىڭ يەنە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ ھۇجۇمى توختىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ ۋەقە جەريانىنى سۆزلەۋاتقاندا ئارقىدىن ئوق ئاۋازى كېلىپ تۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

"ھازىر ئىككى ئادەم ئۆلدى، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىدى، 3 ئادەم جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈستىدە، شەنۋېي شەھىرىنىڭ سېكرېتارى لوڭ تېۋىن، ليۇ جىڭشېڭ قاتارلىقلار بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى"

مۇخبىرىمىز يەنە، "ساقچىلاردىن يارىلانغانلار بارمۇ " دەپ سورىغاندا يېزا ئاھالىسى " ياق، ئۇلارنى يارىلاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلاردا قورال بار، پۇقرالارنىڭ ھۇجۇمى ئۇلار ئۈچۈن ھېچنەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ناھايىتى يىراقتا، ئەمما ئۇلار 300 مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ ئوق ئاتسا بۇ تەرەپكە يېتىپ كېلەلەيدۇ" دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئاسىيا ھەپتىلىك جۇرنىلى، شەنۋېي شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، نامايىشچىلار ئوققا تۇتۇلغان كۈنى كەچتە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش سېكرېتارى لوڭ تېۋىننىڭ نەق مەيداندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، يەنە بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قانۇنىدا قانۇن بويىچە، ئەگەر جىددىي بىر مەسىلە يۈز بەرگەندە، نەق مەيداندىكى قومانداننىڭ ئوق چىقىرىش بۇيرۇقىنى بېرىش ھوقۇقى يوق، ئوق چىقىرىش بۇيرۇقىنى پەقەت بىرىنچى قول رەھبەر بېرەلەيدىكەن.

كەنت ئاھالىسىنىڭ تەلەپلىرى

نەنفاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىلى خۇڭ شىجۈن قاتارلىقلار، يېزا ئاھالىسىگە 4 مىليارد يۈئەن تۆلەم بېرىلىشىنى، بۇنىڭدىن سىرت دۇڭجۇدىكى ھەر بىر كىشىگە ھەر ئاي 500 يۈئەن بېرىشنى ھەمدە ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر بىناسىنى دۇڭجۇ كەنتىگە سېلىشنى تەلەپ قىلغان دېگەن مەزمۇنلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن تولۇق خەۋىرى بار بىر كىشى نەنفاڭ گېزىتىنىڭ بۇ خەۋىرىنى كۆرۈپ، ئىستانسىمىزغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

"يېزا ئاھالىسى ئەسلىدە ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن، بىرىنچى يىلى 8 مىليون يۈئەن تۆلەم بېرىشنى، ئىككىنچى يىلى 6 مىليون يۈئەن بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل خادىملار بۇ پىكىرگە قوشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يېزا ئاھالىسى ئۇلارنىڭ ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىشىدىن قورقۇپ، بۇ تەلەپنىڭ رەسمىي يازما ھۆججەت سۈپىتىدە بېكىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان، بىراق بۇ تەلەپ ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇپ، مەزكۇر تەلەپ نامايىشچىلار ئوققا تۇتۇلغاندىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، كەنت ئاھالىسىنىڭ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر بىناسىنى دۇڭجۇ كەنتى ئىچىگە سېلىشنى تەلەپ قىلىشىدىكى مەقسىتى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش يۈزىسىدىن بولغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇڭجۇ كەنتىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 1989 ‏- يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاي ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئەڭ قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.