بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ ماقۇللاندى


2007.12.19

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ بەزى دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 12 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنىدىكى ئومۇم يىغىنىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن ياكى قالدۇرماسلىق ھەققىدە ئاۋاز قويغاندا، 192 ئەزا دۆلەتنىڭ 104 نىڭ قوللىشى، 54 نىڭ قارشى تۇرۇشى، 29 نىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى بۇ تەكلىپ ئاخىر ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلىدا پۈتۈن دۇنيا بويىچە 5628 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ 5000 ئى خىتايدا، قالغان 600 نەچچە ئادەمنىڭ كۆپىنچىسى كوممۇنىست دۆلەتلىرىدە ئىجرا قىلىنغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ب د ت نىڭ تۈنۈگۈنكى ئومۇمىي يىغىنىدا، باش كاتىپ بان كىمۇن ھەممە دۆلەتنى بۇ قارارغا ئەھمىيەت بېرىشكە، پۈتۈن دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىشقا چاقىرغاندا، مىسىر، مالايشىيا، بېنگال، سۈرىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرىز قىلىنماسلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ ۋەكىلى بولسا، بۇ مەسىلىنىڭ ھەربىر دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ھەربىر دۆلەت سىرتتىن ئارىلىشىش يۈز بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى قارار چىقىرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.