خىتايدا 2005 – يىلىمۇ يەنە مىڭلىغان ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

0:00 / 0:00

گېرمانىيىدە نەشىردىن چىقىدىغان Kleine Zeitung ناملىق گېزىتنىڭ 11 – ئۆكتەبىردىكى سانىدا، "خىتايدا 2005 – يىلىمۇ مىڭلىغان ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى" ناملىق بىر خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2005 – يىلى 22 دۆلەتتە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى 2148 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى ئومۇمى ساننىڭ 94 % ئىنى ئىگىلەيدىكەن.

خىتاي يەنىلا چېمپىيون

يالغۇز خىتاينىڭ ئۆزىدىلا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 1170 كىشىگە يەتكەن. بۇ سان 22 دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغانلار ئومۇمى سانىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 8 مىڭدىن 10 مىڭ كىشىگە قەدەر بولغان. مەزكۇر گېزىتتە يېزىلىشىچە، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ئورگىنى ئاتالغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ "ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كۈنى" ھېسابلانغان 10 - ئاينىڭ 10 – كۈنىدىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنى ئۈزمەي ئىجرا قىلىش قىلمىشى قاتتىق ئەيىبلەنگەن. بۇ باياناتتا "خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى يىللاردىن بۇيان نارازىلىقلار بىلدۈرۈپ كەلگەن ۋە ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە جىددى ئاگاھلاندۇرۇشلار بەرگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ھىچ پەرۋا قىلماي ئۆز يولىدا مېڭىۋاتقانلىقى، مەھبۇسلارنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئېغىر تەن جازاسى بېرىش، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە يەنە، خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئوكۇل بىلەن ئۆلتۈرۈلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچ ئەزالىرىنىڭ تاۋارغا ئايلىنىپ سېتىلىۋاتقانلىقى، بۈگۈنكى خىتايدا بازار تېپىۋاتقان ئادەم ئىچ ئەزالىرى سودىسىدا بازارغا سېلىنىۋاتقان ئىنسان ئورگانلىرىنىڭ 99% ئىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلاردىن ئېلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى سېتىلماقتا

بۇ خەۋەردە، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىچ ئەزالىرىنىڭ تاۋارغا ئايلىنىپ سېتىلىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، د ئۇ ق خادىملىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش نىسبىتىنىڭ زورلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كېتىشى، مۇشۇ خىل پاجىئەنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارالماقتا.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىنى دەلىل قىلىپ، "خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئىنسانلار ئىچىدە، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش نىسىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، خىتايدا سىياسىي جەھەتتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان مىللەت يالغۇز ئۇيغۇرلار بولماقتا" دەپ كۆرسەتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تاۋار ئورنىدا سېتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ناھايىتى ئېغىرلىقىنى، ئىلگىرى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرىۋېلىش ئوپىراتسىيىسىگە قاتنىشىپ، كېيىن گېرمانىيىگە ئوقۇش ياكى خىزمەت بىلەن كەلگەن بەزى كىشىلەردىن ئۆزلىرىنىڭ بىۋاستە مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2005 – يىللىق دوكلاتىدا، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغاندا، دۇنيا بويىچە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش قىلمىشىنىڭ خىتايدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇ ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ھەر يىلى، ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشلىرىدا، "ئۆلۈم جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن، سىياسىي مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلسۇن" دېگەن شۇئارلارنى توۋلاپ كەلمەكتە.