خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

0:00 / 0:00
abduxelil-abdumijit-150.jpg
غۇلجا ۋەقەسىدىكى ئاساسلىق كىشىلەردىن بىرى ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، 2000 – يىلى 15 – ئۆكتەبىر كۈنى قىيناپو ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدا سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بىردىن - بىر رايون ھېسابلىنىدۇ.

خىتايدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلق سوت مەھكىمىسى تەشكىلى قانۇنىنىڭ 13 - ماددىسىدا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە ئالاھىدە شەھەرلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. يۇقىرى سوتلار 1983 -يىلدىن بېرى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. لېكىن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى سەيشەنبە كۈنى خەلق سوت مەھكىمىسى 13 - ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، 2007 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.

خىتاي دۇنيا بويىچە ئۆلۇم جازاسى ئەڭ كۆپ بېرىلىدىغان دۆلەت

خىتاي دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت. بىر قىسىم تەشكىلاتلار خىتايدا يىلىغا 10 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، خىتاينىڭ ھازىرقى قانۇنى يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسىغا يەڭگىللىك بىلەن ھۆكۈم قىلىش يولىنى ئاچماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشكە پايدىسى بار، دەپ كۆرسەتتى.

خوڭكوڭ جوڭگو ئەدىبىياتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يوۋجىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھازىرقى قانۇن بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە، ئالاھىدە شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلار ئۆلۈم جازاسىغا ئوخشىمىغان ئۆلچەملەر قوللانماقتا. ۋاڭ يوۋجىن، يېڭى قانۇن بولمىدى دېگەندە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن دىلولاردا ناھەقچىلىكنى ئازايتىش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن،" دەيدۇ.

خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى تۈزۈمى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھەر يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلىپ، بۇنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا تۇتۇپ كەلگەن.

UAA: بۇ بىر ھەقىقى ئىلگىرلەش ئەمەس

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى سىياسى سەۋەبلەردىن قانۇندىكى ھوقۇقلىرىغا قارىماي ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا.... خىتاي سوت مەھكىمىلىرى تەن جازاسى ئاستىدا مەجبۇرى ئىقرا قىلدۇرۇلغان مەھبۇسلارنى ئۇلارنىڭ ئىقرانامىسىغا قاراپلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا. شۇڭا تەن جازاسىغا دىققەت قىلماي، ئۆلۈم جازاسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە دىققەت قىلىش خاتا يۆلۈنىشكە كىرىپ قالغانلىقتۇر.

كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىسلاھاتىغا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ بۇ ئىسلاھاتىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر خىتاي ئۆلۈم جازاسى تۈزۈمىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسلاھات قىلمىسا، يېڭى قانۇن خىتايدا ئۆلۈم جازاسى تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا خىتاينىڭ بۇ ئىسلاھاتىنى "يېتەرلىك ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇنى "بىر ئىلگىرلەش،" دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بېن كاردوس، "بۇ قارشى ئېلىشكە تېگىشلىك قەدەم بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ھەقىقى تۈردىكى ئىلگىرلەش دېگىلى بولمايدۇ. ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى بۇرۇن ئالى سوتنىڭ ئىلكىدە ئىدى. بۇ 1980 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۆلكە دەرىجىلىك يۇقىرى سوتلارغا چۈشۈرۈپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم بۇنى ئالى سوت يەنە ئۆتكۈزۈۋالماقچى. بۇ كونا تۈزۈمنىڭ قايتىلىنىشىدۇر. شۇڭا بۇنى ھەقىقى مەنىدىكى ئىلگىرلەش دېگىلى بولمايدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

كاردوسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنى دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرماقچى بولسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشقا تېگىشلىك 68 خىل جىنايەت تۈرىنى ئازايىش كېرەك. چۈنكى بۇ جىنايەت تۈرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. سىياسى مەسىلىگە ئالاقىدار پۈتۈن دىلولارنى خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى كۆرۈپ چىقىشى كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن بېن كاردوس، چۈنكى "خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى سىياسى سەۋەبلەردىن قانۇندىكى ھوقۇقلىرىغا قارىماي ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا،" دەيدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈدىغان تەرەپسىز ئورگان تەسىس قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "خىتاي سوت مەھكىمىلىرى تەن جازاسى ئاستىدا مەجبۇرى ئىقرا قىلدۇرۇلغان مەھبۇسلارنى ئۇلارنىڭ ئىقرانامىسىغا قاراپلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا." بېن كاردوس، "شۇڭا تەن جازاسىغا دىققەت قىلماي، ئۆلۈم جازاسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە دىققەت قىلىش خاتا يۆلۈنىشكە كىرىپ قالغانلىقتۇر،" دەپ كۆرسەتتى.

ئادۋوكات لى جىنجىن: جۇڭگونىڭ قانۇن - تۈزۈم تەرەققىياتى سىياسەتكە قاراپ ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك

خىتاي قانۇنىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار ھۆكۈمگە نارازى بولسا، 10 كۈن ئىچىدە ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش كېرەك. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، مەھبۇسلارغا بېرىلگەن 10 كۈنلۈك ئەرز سۈرىكى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا مارېيلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلەر دوكتورى چيۇ خوڭدا، "ئەرز قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بېرىلىشى كېرەك. مەھبۇسلار بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەرز قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەرز قىلىش ۋاقتىنى بىر ئايغا ئۇزارتسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان بولاتتى،" دەيدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى، ئەگەر خىتاي ھەر يىلى قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلمىسا، ئۆلۈم جازاسى ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، يېڭى قانۇن خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ خاتا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ساقلىشى مۇمكىن. ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىسلاھاتىنى " ئىجابىي بىر قەدەم،" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى، دەپ قاراشتىن ۋاز كېچىش كېرەك،" دەيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىدىكى خىتاي ئادۋوكاتى لى جىنجىن، خىتاي قانۇنى سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىكىدىن قۇتۇلۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "جوڭگو قانۇنى دائىم سىياسەتكە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. بۇ دېگەنلىك جۇڭگونىڭ ئامانلىقى ناچارلاشقاندا ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى يەنە يەرلىككە چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. مېنىڭچە بۇ ئېغىر مەسىلە. چۈنكى 1983 - يىلدىكى تازىلاش نۇرغۇن ناھەقچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشقا تېگىشلىك بولمىغانلار ھۆكۈم قىلىندى. شۇڭا مەن جۇڭگونىڭ قانۇن - تۈزۈم تەرەققىياتى سىياسەتكە قاراپ ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك،" دەپ قارايمەن،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر يىلدا خىتاي بويىچە قانچىلىك كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. شۇ سەۋەب تۈپەيلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلار سانى ھەققىدىكى پەرىزىدە زور پەرقلەر مەۋجۇت. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايدا 2005 - يىلى ئاز دېگەندە 1770 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، بۇ ساننىڭ 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولسا خىتايدا سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بىردىن - بىر رايون ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)