خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسى تالاش- تارتىش قوزغىدى


2007.03.15

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى شاۋ ياڭ ئالدىنقى كۈنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە بەرگەن دوكلاتىدا، يېقىندىن بېرى يولغا قويۇلغان ئەدلىيە ئىسلاھاتى خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ كەڭ - كۆلەملىك ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ "ئىنتايىن ساندىكى" بىر قىسىم دىلولارغا تەدبىقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شاۋ ياڭنىڭ دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئالىي سوتنىڭ ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە ئىھتىياتچان بولۇشقا پايدىلىق ئىكەن. ئۇ، " قانۇن بۇيىچە جەمئىيەتكە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر جىنايەتچىلەر شۇنداقلا پاكىتى يىتەرلىك " ئىنتايىن ئاز ساندىكى" جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى مەركەزنىڭ بىر تۇتاش كونترولى ئاستىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك " دەيدۇ.

ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقى بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ھەر قايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردىكى يۇقىرى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىلكىدىن ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. لېكىن خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جيا چۈنۋاڭنىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىدىكى ئۆزگىرىش زور كۆلەملىك تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا ئەدلىيە تەرتىپىنى قايتا يېزىپ چىقىشنى تەلەپ قىلماقتا. جيا چۈنۋاڭ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى تەلەپ قىلىپ داۋا ئاچقاندا پاكىت ۋە قانۇن تەرتىپكە رىئايە قىلىش، ئالىي سوتنىڭ بۇ جەھەتتىكى سەزگۈرلىكىگە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بەك كۆپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ

خىتاي، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شاۋ ياڭنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى قىسقارتىش ھەققىدىكى دوكلاتى خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۆلۈم جازاسىنى يولغا قويۇش زۆرۈرىيىتى بارمۇ - يوق ؟ دېگەن مەسىلىدە تالاش - تارتىش قوزغىدى. خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى ئادۋوكاتى جاڭ چيەنكاڭ، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆلۈم جازاسى قانچىلىك كۆپ بېرىلسە، جەمئىيەت مۇقىملىقى ياخشى بولىدۇ، دەيدىغان مەنتىقە پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس. ئۇ، "مەن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى قوللايمەن. مەن تۈزەش ۋە تەرتىپكە سېلىشنى مۇھىم نۇقتىغا قويۇش دەيدىغان بۇ قاراشقا قارشى. بۇ خۇددى ئۆلۈم جازاسى كۆپ بولسا، جەمئىيەت تەرتىپى ياخشى بولۇپ كېتىدىغاندەك بىر مەسىلە. ھازىر جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ئۆلۈم جازاسىنىڭ يېتەرلىك يولغا قويۇلمايۋاتقانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۆلۈم جازاسى بېرىش بەك كۆپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدۇر. كىشىلەرنىڭ ھايات ياشاش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق مەقسەدكە يەتكىلى بولمايدىغانلىقى مەسىلىسى. مەسىلە ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قانۇننىڭ رولى جارى بولمايۋاتقانلىقىدۇر "دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر جىنايەتچىلەرنى سازايى قىلىش، كىشىلەرگە ھەيۋە سېلىش بىلەن ئەمەس، قانۇننىڭ رولىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.

خىتاي دۇنيادا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولسىمۇ، جىنايەت سادىر قىلىش ئەھۋالى تۆۋەنلىگىنى يوق

خىتايدا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سانى، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەر ئومۇمى سانىنىڭ ئاز دېگەندە 80% نى ئىگىلەيدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلى ئاز دېگەندە 1770 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ھەقىقى سانى ئەمەس.

خىتاينىڭ گۇئاڭشى ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى ئادۋوكاتى ياڭ زەيشىننىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆلۈم جازاسى خىتايدا جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنى ئازايتالمىدى. ئۇ، "جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر. سان جەھەتتە دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەرنى قوشقان تەقدىردە يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ خىتايدا جىنايەت سادىر قىلىش ئەھۋالى ئازىيىش ئەمەس، بەلكى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. شۇڭا بىز ئېغىر جازالاش بىلەن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم " دەپ كۆرسەتتى. ياڭ پەمىلىلىك ئادۋوكاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى بىر قەدەر ئىنسانى يوللار بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. ئۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي قانۇنىنى خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلۇم جازاسى ۋە خىتانىڭ ئەنئەنىۋى قارىشى

لېكىن شەنشىلىك ئادۋوكات جاڭ چيەنكاڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆلۈم جازاسى توغرا بىر ئۇسۇل بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي جەمئىيىتىدە ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش كېرەك، دەپ قارىغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئۆچ ئېلىش روھى ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. جاڭ چيەنكاڭ، " مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى قوللىغىچىلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى جۇڭگودىكى كۆپچىلىك ئاممىدا پەقەت ئۆلۈم جازاسىلا قىساس ئېلىش مەقسىدىنى قاندۇرالايدۇ، دەيدىغان قاراش مەۋجۈت. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلاردا پۇل ئالمايمەن، ئۇنىڭ جېنىنى ئالىيمەن، دەيدىغان قىساسكارلىق تۇيغۇسى ئېغىر. بۇ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئىجتىمائىي روھى ھادىسە، لېكىن ھازىرقى زامان كىشىلىك ھوقۇقى قارىشىغا پۈتۈنلەي زىت " دەيدۇ.

ئالىي سوتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى "قىسقارتىش" ھەققىدىكى دوكلاتى ئىجرا قىلىنامدۇ؟

بۇ يەردە كۆزەتكۈچىلەر دىققەت قىلىۋاتقان نىگىزلىك بىر مەسىلە - ئالىي سوتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى "قىسقارتىش" ھەققىدىكى دوكلاتى ئىجرا قىلىنامدۇ ؟ دېگەن مەسىلىدۇر. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا ھازىر ئۆلۈم جازاسىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئەھۋالدا، ئالىي سوتنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى "مۇمكىن قەدەر ئازايتىش" قارارى بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا يەنىلا گۇمان بار.

جاڭ پەمىلىلىك ئادۋوكات، " ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئەھۋالدا بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغان ۋەقە. لېكىن بۇ ئىجرا قىلىنامدۇ - قىلىنمامدۇ ؟ بۇ يەنىلا كىشىنى گۇمانغا سالىدۇ. چۈنكى سوت، تەپتىش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا سىياسىي تۆھپە قوغلىشىدىغان بىر روھى ھالەت مەۋجۈت. ج خ ئورگانلىرىدا تۆھپىسىنى داۋراڭ قىلىش ئۈچۈن دىلونى چوڭايتىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇ ئەھۋاللار سوت مەھكىمىلىرىدە ھەم مەۋجۈت. ئۆلۈم جازاسىنى سوت، تەپتىش ۋە ج خ ئورگانلىرىنىڭ بىر غەلىبىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇدىغان روھى ھالەت ئاستىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش ناھايىتى تەس "دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش ھەققىدىكى قارارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئازايتىشقا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن. ئامېرىكىدىكى كرىستېين & ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇننى ئىجرا قىلغاندا ئۇيغۇرلارغا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان بىردىن - بىر رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالىي سوتچى شاۋ ياڭ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىش ھەققىدە سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بېيجىڭدا قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمايىل، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە ئالاقىدار جىنايەتچىلەرنى سوتلاش سىياسىتى بولسا "ئۆلچەم بېكىتىپ قاتتىق جازالاش " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرغۇچىلار ياكى يەڭگىللىك بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۆلۈم جازاسىنى كەڭ- كۆلەملىك ئىجرا قىلىش شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ سانىنى " دۆلەت مەخپىيەتلىكى " دەپ يوشۇرۇش 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ روھىغا خىلاپ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.