خىتاي يەنىلا دۇنيا بۇيىچە ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ يۈرگۈزىدىغان دۆلەت
2007.09.06
بۇ ئاي باشلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆتكەن يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئازلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك سوت مەھكىمىسى ھەر يىلى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەن.
ئەمما دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىگە قارىغاندا ، خىتاي ئۆتكەن يىلى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان ئادەملەرنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ مىڭدەك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا ، ھەقىقىي سان بەلكىم يەتتە، سەككىز مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ب ب س دا خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شىنجاڭنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، جياڭ: "ئالدىنقى ئون يىل مابەينىدە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز بىر يىل بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىن يېرىمىدا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە" دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان كىشىلەر ئاساسەن ئىقتىسادى جىنايەتچىلەر ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىدىن تەشكىل تاپىدىكەن.
بۇلتۇر پۈتۈن دۇنيادا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان كىشىلەرنىڭ 90 پىرسەنتىنى خىتايدا
خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆتكەن بىر يىلدا خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئادەملەر ساننىڭ كۆرۈنەرلىك ئازلاۋاتقانلىقىنى ھەدەپ تەكىتلەۋاتقان پەيتلەردە، باش شتابى ئىتالىيىگە جايلاشقان ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈشكە قارشى ئاممىۋى تەشكىلات 30- ئاۋغۇست دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 5628 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ يۈرگۈزگەن دۆلەت بولۇپ، پەقەت خىتاينىڭ ئۆزىدىلا 5000 ئادەم ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، 90 - يىللاردا خىتايدا ھەر يىلى 15 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولسا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان 2008- يىللىق ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىر قەدەر ئازلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ليۇچىڭ : "ئەمما ئۇنىڭ ئىستىبدات ماھىيىتى ئۆزگەرگىنى يوق"
خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ كۆپ يۈرگۈزۈلۈشى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇچىڭ گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئۆلۈم جازاسى مەلۇم دەرىجىدە ئازايغان بولسىمۇ ، ئەمما سىياسىي- قانۇن ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشلەر بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: " سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ماۋزېدۇڭ دەۋرىگە قارىغاندا كۆپ ئازلىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىستىبدات ماھىيىتى ئۆزگەرگىنى يوق. ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلى يەنىلا تەھدىت سېلىشقا تايىنىدۇ . ئېغىر جازالاش، ھەتتا ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ ئىدارە قېلىشىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى يەنىلا ساقلانماقتا . ھازىرقى بۇ خىل ئەھۋال ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە زۆرۈر تېپىلغاندا ئادەم ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ."
خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن خىزمەتچىلىرىمۇ ئۆلۈم جازاسىنى كېمەيتىشنى ھەمدە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلۈم جازاسىغا توشىدىغان جىنايى قىلمىشلارنىڭ سانىنى ئازلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ياڭ زەيشىن": ئەگەر ئۆلۈم جازاسى ئازايتىلىدىغان بولسا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقى مەنپەئەتلەنگەن بولاتتى"
گۇاڭشىلىق ئادۋوكات ياڭ زەيشىننىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم جازاسى ئەلۋەتتە كۆپ دەرىجىدە ئازايتىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ: " چۈنكى ئادەمنىڭ ھاياتى ئىنتايىن قىممەتلىك. ئۇنى پۇل ياكى پەخرىي نام قاتارلىقلار بىلەن تولدۇرغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۆلۈم جازاسى ئازايتىلىدىغان بولسا نۇرغۇن دېلولاردىكى خاتالىقلار دەرھال تۈزىتىلگەن ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقى مەنپەئەتلەنگەن بولاتتى. مەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئازايتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېدى.
ياڭ زەيشىن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەمئىيەت قالايمىقان چاغدا ئېغىر جازا قوللىنىش كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى، نوقۇل ھالدا ئۆلۈم جازاسىنى كۆپلەپ يۈرگۈزۈش ئارقىلىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى ئازايتقىلى ۋە ياكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۈچەيتكىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ چىڭنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ كۆپ بولۇشىدا تارىخى ۋە ھازىر مەۋجۇد سەۋەبلەر بار بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كىيىن ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن.
رابىيە قادىر خانىم": خىتاي ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي سوت ئاچىدۇ"
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۆلۈم جازاسىنى ئۆتكەنكى بىرنەچچە يىلدا كۆرۈنەرلىك ئازايتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆلۈم جازاسىغا لايىق جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشتىن سىرت يەنە، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئۆلۈمگە بۇيرۇش تېخىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا ، خىتاي ھازىر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي سوت ئاچىدىكەن. رابىيە قادىر خانىم، مەخپىي ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ جامائەتكە ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى ، ھەتتا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ "كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى" دېگەن باھانە بىلەن تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە ، گەرچە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدىغان بولسىمۇ ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي جىنايەتچىلەرنى يوقىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا گۇئانتانامونى تاقاشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلمەكتە
- بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئازاب ئوقۇبەتلىك سەرگۈزەشتىسى (2)
- بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئازاب ئوقۇبەتلىك سەرگۈزەشتىسى (1)
- ئانگېلا مېركېل: خىتاي ئويۇننىڭ خەلقئارا قائىدىسىگە بويسۇنۇشى كېرەك
- ياڭ جيەنلى: دېموكراتىيە جۇڭگودا توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېقىم بولۇپ قالدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي جىددىيچىلىكنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئازار يىگەن بىر ئۇيغۇر (2)
- ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاپ، خىتاي تۈرمىسىدە ئازار يىگەن بىر ئۇيغۇر (1)
- پروف. در. مەمەت جىھات ئوزوندەر ۋاپاتىدىن ئۇيغۇرلار قاتتىق قايغۇردى
- "بېيجىڭنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان رەھىمسىز باستۇرۇشنى يوشۇرماقتا" (1)
- گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ
- ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 16 يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا