تۈنۈگۈن يەنى 18 - دېكابىر كۈنى ئاخىرلاشقان،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 62 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 76 - ۋە 77 - قېتىملىق يىغىنلىرىدا، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لايىھىسى قايتا مۇزاكىرىگە قويۇلدى. مۇزاكىرىدە جىددىي تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، تەكلىپ لايىھە ئاۋازغا قويۇلدى. تەكلىپ لايىھىسى 54 رەت ئاۋازغا قارشى 104 ماقۇللۇق ئاۋازىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن قوبۇل قىلىندى.
خىتاي: قارشى ئاۋازدىكىلەر سەل قارالماسلىقى كېرەك
يىغىندا، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر، ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قاراپ خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە قارار بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر، بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىق ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ھەم دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارىلىشىنى، ئوتتۇرىغا قويدى. بىر تەرەپ، بۇ لايىھىنى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى دېسە، يەنە بىر تەرەپ بۇ مەسىلىنى ب د ت نىڭ ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بولۇشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇردى.خىتاي يىغىندا مەزكۇر لايىھىگە رەت ئاۋاز قوللانغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا تۇردى. يىغىن ئاخىرىدا خىتاي ۋەكىلى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى، دۆلەتلەرنىڭ پەرقلىق ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتمىدى، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى باشقا دۆلەتلەرگە تاڭدى، بۇ جەرياندا دىپلوماتىك ھۈنەر ۋە بېسىم ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلىدى.
ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھىسى، ب د ت دا 1994 - ۋە 1999 - يىلىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەن. شۇڭا بۇ قېتىملىق ئاۋازنىڭ نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولغان ب د ت باش كاتىپى بەن كومىن، لايىھىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۆلۈم جازاسىنى دۇنيا بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم دەپ مەدھىيىلىدى. ئەمما يىغىننىڭ خىتاي ۋەكىلى: " قارشى ئاۋاز قوللانغانلارنىڭ سانى، ئۈستۈنلۈكنى تەشكىل قىلالمىسىمۇ، ئاز مۆلچەرلىنىشىچە بولمايدۇ، بۇ سان، دۇنيادا تېخى ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا ئومۇمىي پىكىر بىرلىكى شەكىللەنمىگەنلىگىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.
1976 - يىلى دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان دۆلەتلەر سانى ئاران 16 بولغان بولسا، ھازىر 133 كە كۆپەيدى؛ پەقەت 64 دۆلەت يەنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۆلۈم جازاسىنى دۇنيا بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەرەپدار بولغانلار ئاساسەن دېموكراتىك دۆلەتلەر بولسا، قارشى تۇرغۇچىلار ئارىسىدا، نامرات ۋە دىكتاتور دۆلەتلەر ئاساسى سالماقنى ئىگىلىمەكتە. ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش مەسىلىسى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي خەلقئارا مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلەلەيدىغان ناھايىتى ئاز تېمىلاردىن بىرى بولۇپ، ئامېرىكىمۇ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا قارشى ئاۋازدىكىلەردىن بىرى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ 12 شتاتىدا، ئۆلۈم جازاسى ئەمەلدىن قالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە مىچىگان شتاتى 1846 - يىلدىلا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بولغان.
" ئۆلۈم جازاسى ئەمەلدىن قالمىسا، ئاز سانلىق مىللەتلەر زىيانغا ئۇچرايدۇ"
ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى ماھىيەتتە، كىشىلىك ھوقۇق ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈنمۇ ياكى تۆۋەنمۇ ؟ دېگەن تالاش-تارتىشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچىلار، ئۆلۈم جازاسى ئەمەلدىن قالسا، جىنايەتچىلەر تېگىشلىك جازاسىنى تارتمىغان بولىدۇ، جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا، ئۆمۈر بويى قاماق جازاسىمۇ ئۆلۈم جازاسىغا ئوخشاشلا جازالاش كۈچىگە ئىگە، ئەگەر ئۆلۈم جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىسا، ئىنسان ھەقلىرى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق- ھوقۇقى دەخلى-تەرۈزدىن ساقلىنالمايدۇ دەپ قارايدۇ.
2004 - يىلى خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا بېرىلگەنلەرنىڭ سانى، 3400 بولۇپ، بۇ شۇ يىلى دۇنيا بويىچە ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغانلارنىڭ %90 نى ئىگىلىگەن.
2006 - يىلى دۇنيا بويىچە، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلار سانى 5628 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 5000 ئى خىتايدا ئىجرا قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىياسىي سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسىغا يولۇقىۋاتقانلار پەقەت ئۇيغۇرلاردۇر. بۇ مەلۇماتلار، ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىسا، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى زىيانكەشلىكتىن خالىي بولالمايدۇ دېگەن قارىشىنى ئىسپاتلىماقتا. بۇ نۆۋەت ب د ت دا قوبۇل قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لايىھىسى تېخى تەكلىپ لايىھە بولۇپ، قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس، بۇ پەقەت، دۇنيا دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم كوپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈنلا، ئىلگىرىلەش دەپ قارالماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)