ئاكىسى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ياش بىلەن سۆھبەت


2007.12.21

hamut-dawut-150.jpg
2002 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى گۇما ناھىيىلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ھامۇت داۋۇتقا ئوچۇق سوت ئېچىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان ھەمدە شۇ كۈنى قورال بىلەن ئېتىپ ئىجرا قىلغان. RFA Photo / Arslan

دۇنيادا كۆپىنچە دۆلەتلەردە سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ مەسىلە خىتايدا يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى كۆپلەپ ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كوممۇنىست دىكتاتور تۈزۈمىدىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە ھەر خىل تۈردىكى ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا ۋە مەخپىي ھالدا قورال بىلەن ئېتىپ ئىجرا قىلماقتا.

مانا شۇلاردىن بىرى ھامۇت داۋۇت ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قورال بىلەن ئېتىپ ئىجرا قىلىنغان ياشلارنىڭ بىرى.

ھامۇت داۋۇت 1960 ‏- يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە تىجارەتچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1982 ‏- يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە تىجارەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھىمايە ئاستىغا ئېلىپ پاناھلىق بەرگەن، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن يار ‏- يۆلەكتە بولغان.

ھامۇت داۋۇت 2000 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى لەنجۇ شەھىرىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 2002 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى گۇما ناھىيىلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ھامۇت داۋۇتقا ئوچۇق سوت ئېچىپ، "مىللى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان"، "ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان"، "ياشلارنى غازات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىگەن"، "تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىلەرنى ھىمايە قىلىپ، يوشۇرۇپ قويغان" دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان ھەمدە شۇ كۈنى قورال بىلەن ئېتىپ ئىجرا قىلغان.

ھامۇت داۋۇتنىڭ جەسىدىنى ئائىلىسىگە بەرمىگەن، ئائىلىسى جەسەتنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، جىنازا نامىزىغا سىرتتىن ئادەم قاتناشتۇرماسلىق، جىنازا نامىزىنى پەقەت ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرىلا ئوقۇش شەرتى بىلەن جەسەتنى بەرگەن ھەمدە خىتاي ساقچىلىرى نازارەت قىلىپ، سىرتتىن جىنازا نامىزىغا كەلگەنلەرنى توسۇپ قاتناشتۇرمىغان. مەرھۇم ھامۇت داۋۇتنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى قەبرە بېشىدا 3 ئاي نازارەتچىلىك قىلىپ زىيارەتكە كەلگەنلەرنى يېقىن يولاتمىغان. ئىگىلىنىشىچە، ھامۇت داۋۇتنىڭ ئادۋوكات تۇتۇپ ئۆزىنى ئاقلىشىغا خىتاي سوتچىلىرى پۇرسەت بەرمىگەن.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھامۇت داۋۇتنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئىنىسى ھۈسەيىنجان داۋۈتنى زىيارەت قىلدۇق. (ئارسلان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.