خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 5 - ئومۇمىي يىغىنى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر


2005.10.11

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 5 - ئومۇمىي يىغىنى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىدا ئاياغلاشتى. خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق ھەيئەت ئەزالىرى ۋە كاندىدات ھەيئەت ئەزالىرى تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ يېپىق يىغىندا، باي- كەمبەغەللىك پەرقىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان "11 - بەش يىللىق دۆلەت ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتلارنى بەلگىلەش پىلانى" نى ماقۇللىدى. ھەمدە خۇ جىنتاۋ كۆتۈرۈپ چىققان "ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش" سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈردى.

ھالبۇكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىن ئېچىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بېيجىڭ ساقچىلىرى بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلارنى كۆپلەپ تۇتقۇن قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، گۇئاڭدۇڭنىڭ تەيشى كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ھوقۇق قوغداش پائالىيەتلىرىنى زىيارەت قىلغىلى بارغان ئەنگلىيە مۇخبىرى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى زومىگەرلىك بىلەن دۆلەت باشقۇرماقتا

ئەگەر خىتاي كومپارتىيىسى خەلق ھىمايە قىلىدىغان بىر پارتىيە بولغان بولسا، ئۇلار يىغىن ئاچقاندا، خەلقتىن قورقماسلىقى كېرەك ئەمما خىتايدا خەلقنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئېيتقىنى ۋە قىلغىنىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي پەنلەر دوكتورى لى تيەنشياۋ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر تەرەپتىن ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى تەكىتلەپ، يەنە بىر جەھەتتىن جەمئىيەتتىكى قارشى ئاۋازلارنى باستۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زومىگەرلىك بىلەن دۆلەت باشقۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئەگەر خىتاي كومپارتىيىسى خەلق ھىمايە قىلىدىغان بىر پارتىيە بولغان بولسا، ئۇلار يىغىن ئاچقاندا، خەلقتىن قورقماسلىقى كېرەك. مەسىلەن ، ئامېرىكىدا دېموكراتلار بولامدۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر بولامدۇ يىغىن ئاچسا، نۇرغۇن خەلق يىغىن جەريانىدىن ئوچۇق خەۋەردار بولالايدۇ. ئەمما خىتايدا بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە، خەلقنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئېيتقىنى ۋە قىلغىنىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ".

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خۇ جىنتاۋ گەرچە "ئىناق" جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتايدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ھۆكۈمەت تەشۋىق قىلغانغا ئوخشىمايدىغانلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنتايىن ئايان.

خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەت كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە

خىتايدا باي- كەمبەغەللىك پەرقى ئىنتايىن زورىيىپ، توپىلاڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرلىك باسقۇچقا يېقىنلاشقان. شەھەرلەر گۈللەنگەن بىلەن يېزىلار نامراتلاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ چېرىكلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشى، خەلقنىڭ مائارىپ ۋە داۋالىنىش راسخوتلىرىغا بارغانسېرى چىقىش قىلالمايۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ھەممىسى خىتايدا مۇقىملىقتىن ئېغىز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ھازىر دەل ئىچكى جەھەتتىن نەچچە يۈز مىڭلىغان پارتىيە ئەزالىرى پارتىيىدىن چىكىنىۋاتقان ، تاشقى جەھەتتىن، ئېزىلگەن دېھقانلار، شەھەردىكى ئىشسىزلار ۋە ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى توختىماي يۈز بېرىۋاتقان بىر ۋەزىيەتكە دۈچ كەلمەكتە بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە خىتايدا ئۇكرائىنىيىگە ئوخشاش ئىنقىلاب يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى يىغىن ئېچىلغان بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان. لى تيەنشاۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ خىل ئالىي يىغىنلىرىنىڭ ئادەتتە ئىككى قاتلام مەزمۇنى بار ئىكەن:

"بىرى، تەشۋىقاتنى مەقسەت قىلغان ئاشكارا مەزمۇنلار. يەنە بىرى ھوقۇق تالىشىشنى مەقسەت قىلغان يوشۇرۇن مەزمۇنلار. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىندا،بەش يىللىق پىلان دېگەندەكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ 'پارلاق سىياسەتلىرى' نى تەشۋىق قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھوقۇق تالىشىشى ئېلىپ بېرىپ، شۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ تەۋەلىكلىرىنى بۆلۈشىدۇ ھەم ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ".

ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان قاراش

بۇ ئارىدا، خوڭكوڭدىكى نەنخۇئا سەھەر گېزىتىمۇ يىغىن ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش- كەلتۈرەلمەسلىكى، ئۇنىڭ چىرىكلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش- قىلالماسلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى ئېلان قىلغان 11 - بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى باي- كەمبەغەللىك پەرقىنى ئازايتىش، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدۇ دېگەن قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى دىققەت قىلغان يەنە بىر مەسىلە، يىغىندىكى كادىرلار ئۆزگىرىشى. كۆزەتكۈچىلەر، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا، ياشلار ئىتتىپاقىدىن كۆتۈرىلگەن ئۆزىنىڭ يېقىنى ليۇيەندۇڭنى، جىياڭ زېمىننىڭ يېقىنى بولغان شاڭخەي پارتكومىنىڭ سېكرىتارى چىن لياڭيۈنىڭ ئورنىغا سەپلەپ، جياڭ زېمىننىڭ شاڭخەيدىكى تەسىرىنى تازىلاشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ يەنە بىر يېقىنى بولغان لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ كومپارتىيە سېكرېتارى لى كېچىياڭنى خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇرو ھەيئىتى ۋە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي ئىش بېجىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈپ، ئۇنى 5 - ئەۋلاد ۋارىسى قىلىپ تەربىيىلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەشتىكى ھالقىلىق قەدەملەر بولۇپ، ئەمما بۇ يولدا توسقۇنلۇقلار يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىندا كادىرلار ئۆزگىرىشى بولغان- بولمىغانلىقىنى تېخى ئاشكارىلىمىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.