خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە، زىيالىلار ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىقتىن ئۆمرى قىسقارماقتا


2006.07.18

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېقىندا خىتايدىكى زىيالىيلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس كۆك تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. مەزكۇر "2006 ‏- يىللىق كۆك تاشلىق كىتاب" دا، ھازىر خىتايدىكى زىيالىيلارنىڭ ئاز دېگەندە 70% ئى ھەددىدىن تاشقىرى چارچاش ۋە تۈرلۈك روھىي بېسىملار تۈپەيلىدىن 50 ياشلار ئەتراپىدىلا ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

چارچاپ تۈگۈشىۋاتقان ئەۋلاد

بېيجىڭدا چىقىدىغان "قانۇن گېزىتى‏" دە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى ئىقتىدارلىق كىشىلەر سانى تېز سۈرئەتتە كېمەيگەن بولۇپ، بۇ 2005 ‏- يىلىنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي ئىقتىسادىغا 900 مىليارد يۈئەنلىك زور زىيان ئېلىپ كەلگەن. مەزكۇر مەلۇماتتا يەنە، "2006 ‏- يىللىق كۆك تاشلىق كىتابتا تەكىتلەنگەن يەنى يېشى 53 ‏- 54 ياشلار ئەتىراپىدىكى 70% نى ئىگىلىگەن زىيالىيلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ "ئەگەر زىيالىيلار يەنىلا ئۆز سالامەتلىكىگە دىققەت قىلمايدىكەن، ئۇنداقتا ئۇزۇن ئۆتمەي بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 3 تىن 2 قىسمى يۈرەك ۋە مېڭە قان- تومۇر كېسىلىگە، 10 دىن بىر قىسمى ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە ۋە شۇنداقلا 5 تىن 1 قىسمى تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىققان ئۆپكە كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلىدۇ " دەپ كۆرسىتىلگەن.

شاڭخەي پەنلەر ئاكادېمىيىسىمۇ يېقىندا خىتايدىكى زىيالىيلارنىڭ سالامەتلىك مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. مەزكۇر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى خىتايدىكى زىيالىيلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 58 ۋە 59 ئەتراپىدا ئىكەن، لېكىن ھازىر بولسا 53 ۋە 54 ياشقا چۈشۈپ قالغان. مەزكۇر مەلۇماتتا يەنە "زىيالىيلارنىڭ ئوتتۇرا ياشقا بارا - بارماي ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان بۇ خىل ئەھۋال ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەردە بىر قەدەر ئېغىر" دەپ كۆرسىتىلگەن.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىندۇۋ ئەپەندى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىپ، "بۈگۈنكى كۈندە زىيالىيلارنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇنداق قىسقىراپ كېتىشى جەمئىيەتنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھازىرقى زامان زىيالىلىرىنىڭ خىزمەت بېسىمى ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋرىدىكىدىن ئېغىر، ئۇلار روھى جەھەتتىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا روھىي بېسىمنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، يامان خاراكتېرلىق كېسەلگە ئايلىنىپ قۇتقۇزۇپ قېلىشمۇ تەسكە توختايدۇ. مەنچە بىز بۇ ئەۋلاد زىيالىيلىرىنى 'چارچاپ تۈگۈشىۋاتقان ئەۋلاد' دېسەك ھەرگىز خاتالاشمايمىز. " دەپ بىلدۈردى :

كۆپ خىل بېسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا تېخىمۇ بېسىم بولماقتا

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لېنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مەزكۇر رايوندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مىللىي تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلىدىن، روھى جەھەتتىن زور زەربىلەرگە دۇچ كەلگەن. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە، HSK ناملىق خىتاي تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئىمتىھانى ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تاغدەك بېسىم بولۇپ، كۆپلىگەن ئوتتۇرا ياشلىق ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك ھالەتكە يەتكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدا، دۇنيا تارىخى دەرىسىنى ئۆتىدىغان مەمتىمىن ئىسىملىق بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا ئىمتىھان سۇئاللىرىنى خىتاي تىلىدا چىقىرىشقا قارشى تۇرغانلىقتىن، فاكۇلتېت يىغىنىدا باشلىقلار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن بۇ ئوقۇتقۇچى روھىي جەھەتتىن قاتتىق ئازابلىنىپ، شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئىككى كۈن ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇتقۇچى سۆھبەت جەريانىدا يەنە مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھى ھالىتىنىڭ كۈندىن -كۈنگە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا دەرس ئۆتۈش ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنغانلىقىدىن ۋە شۇنداقلا خىتاي تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيۋاتقانلىقىدىن دەپ بىلدۈردى. نيۇ-يورۇكتا تۇرۇشلۇق مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيالىيلارنىڭ روھى جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان زور بېسىملىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل ئەھۋالدا مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە ھازىرقى زامان ئوتتۇرا ياشلىق زىيالىلىرى ئۆزلىرىنى روھى جەھەتتىن تەڭشەشنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.