مۇھەببەتكە قويۇلغان ئون ئېغىر شەرت

پايتەخت ئوسلونىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى فوللو رايونىنىڭ مەركىزى بولغان سكىدا «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» فىلىمى قويۇلغانغاندا، نورۋېگ مېھمانلار «بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتچان ئايالكەن، مۇھەببەتكە قويغان شەرتى ھەقىقەتەن ئېغىركەن» دېيىشىپ فىلىم ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرە قىلىشتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئايگۈل
2012.11.23
on-sherti-305.jpg "ﻣﯘﻫﺎﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﯞﺍﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ
http://www.10conditionsoflove.com/


21 - نويابىر كۈنى فوللو رايۇنىنىڭ مەركىزى سكىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سەمەت ئابلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىتەكچىسى مۆمىنجان مېھمانلارغا ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، نىلۇفەر خانىم ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتى ھەققىدە تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەنگەن قىسقا نۇتۇقلار ۋە ئارىلىقتا ئورۇنلانغان سەنئەت نۇمۇرلىرىدىن كېيىن، ياشلار ۋەكىلى بابۇرجان سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يىتەكچىسى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن پائالىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» فىلىمى قويۇلۇشقا باشلىدى. فىلىم قويۇلۇۋاتقاندا، بەزى مېھمانلار كۆز ياشلىرىنى تۆكتى. فىلىم قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن مەدەنىيەت پائالىيىتىگە كەلگەن مېھمانلار فىلىم ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئەھۋالى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئائىلىسى ۋە «مۇھەببەتكە قويغان» ئاجايىپ ئېغىر شەرتلىرى ھەققىدە قىزغىنلىق بىلەن سوئاللارنى سوراشتى ۋە بۇ ھەقتە ئۆز پىكىر - قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۆمىنجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن بىر نورۋېگ خانىم مۇنداق دېدى:  بۇ پائالىيەت ناھايىتى تەسىرلىك ئۆتتى. مەن ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قىزىقىپ قالدىم، بۇ مەدەنىيەت كۈنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان بۈگۈنكى مەدەنىيەت پائالىيىتىگە يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇ مېھمانلارغا بىر ئۆزى يالغۇز ئون نەچچە خىل تاماقنى ھازىرلاپ كەلگەن نىلۇفەر خانىمغا ئالقىشلار ياڭرىغاندا، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.