ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى نوقۇل ھالدىكى بىر ۋاق تاماقلا ئەمەس

«سۈت، تۇخۇم قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىلىۋاتقان، خىتاي دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت تەربىيىسى ئېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئەتىگەنلىك ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ تەدرىجىي يولغا قويۇلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.11.29
mektep-ata-ana-saqlash-305.jpg تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدىن چىقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ساقلاۋاتقان ئاتا-ئانىلار. 2012-يىلى 7-ئىيۇن، كەيفېڭ.
Imaginechina

كۈندە بىر بۇردا نان، بىر خالتا سۈت ۋە بىر تال تۇخۇمدىن ئىبارەت بالىلارنىڭ 3 سومغىمۇ يەتمەيدىغان ناشتىلىقىغىمۇ چاشقان چۈشكەنلىكى مەلۇم، يەنى جايلاردا بۇ پىلاننىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدە ئۆلچەم ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى بوشلۇق تۈپەيلى، مەكتەپلەردە بالىلارغا بېرىلىۋاتقان ھەقسىز ئوزۇقلۇقتا سۈپەت ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلانماقتا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلىسى نوقۇل ھالدىكى بىر ۋاق ناشتىلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلارچە بالىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.

خىتايدا ئوخشىمىغان جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىستېمال سەۋىيىسىدىكى ئوخشىماسلىق، ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ، مەكتەپ شارائىتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە سەۋىيىسى پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ بۇ تۈردە ئاجراتقان سوممىسى، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ.

2011-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەخسۇس يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ھەر يىلى 16 مىليارد مەبلەغ ئاجرىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويغان ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي بويىچە 699 نۇقتىلىق شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلاردا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلچەملىك ناشتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش يولغا قويۇلماقتا، جۈملىدىن بۇ پىلان بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئاساس نۇقتا قىلىپ يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا تەربىيىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ھەر كۈنى مەكتەپتە ئەتىگەنلىك ھەقسىز ناشتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى. ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە جەمئىي 1مىليون 992 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، دۆلەت ۋە يەرلىك سىناق نۇقتىلىرىدا جەمئىي 987 ناھىيىدىكى 29 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىكەن. دېمەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقىنى ياخشىلاش پىلانى، ئالىقانچىلىك نان، بىر تال تۇخۇم ياكى بىر خالتا سۈتتىنلا دېرەك بەرمەيدۇ، بالىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن راسخوت ئۆلچىمى بويىچە،نېمىنى يېيىشى، قانداق يېيىشى يەنى ئوزۇقلۇقنىڭ سۈپەتلىك، ئۆلچەملىك ۋە بىخەتەر بولۇشى 29 مىليون بالىنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە چېتىلىدىغان زور مەسىلە.

ئەپسۇسكى، جايلار بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئوزۇقلۇق ئىلمىگە ئەھمىيەت بېرىش، بىخەتەر بولۇش شەرتلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ كېتەلمىگەن. خىتاي مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا قارىغاندا، جايلاردا دۆلەتنىڭ مەزكۇر پىلانغا ئاجراتقان مەبلىغىنىڭ تەقسىملىنىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ سۈپىتى ۋە ئۆلچەملىرىدە نۇرغۇن پەرقلەر بولۇپ، مەسئۇل تارماق ۋە شەخسلەرنىڭ ئۈچ يۈەنگە يەتمەيدىغان بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇقىغىمۇ خىيانەت قىلىپ قول تىققان قانۇنسىز قىلمىشلار، ئوزۇقلۇق ئۆلچىمىگە، يېمەك بىخەتەرلىكىگە خىلاپ مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت.

يېقىندا ئۈچ خىتاي ئوقۇغۇچى مىكرو بلوگىدا، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ فېڭخۇاڭ ناھىيىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى قىسقاندىن باشقا، ۋاقتى ئۆتكەن يېمەكلىكلەرنى بەرگەنلىكىنى، بەزىدە بالىلارنى قەستەن ئاچ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، تارقاتقۇتلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى دۆلەتنىڭ ھەر بىر بالىغا بېكىتكىنىدەك 3 يۈەن ئەمەس، بەلكى ئىككى يۈەن قىممىتىدىكى تاماق بىلەن ئەپلەپ ئارىدىن بىر يۈەندىن پايدا ئالغانلىقى مەلۇم بولغان. بۈگۈن خىتاي تور خەۋەرلىرىدە بالىلارنىڭ ئېشىغا قول سالغان بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرىنى قوشقاندا بەش كىشىنىڭ رەسمىي ئەيىبلىنىپ خىزمىتىدىن قوغلانغانلىقى ئېلان قىلىندى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، بالىلارنىڭ تامىقىغا قول تىقىش، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سالماقتا ۋە زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 28-نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇۋۋەت تامىقىغا «ئېلېكترونلۇق ئوزۇقلۇق ئۇستىسى» سەپلەشنى قارار قىلغان.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر قارارغا كېلىشىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىرىنى ياخشىلاش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە جايلاردا يالغان مەلۇمات بېرىش، مەركەز مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، باشقا جايلارغا ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىر بولغانلىقى سەۋەب بولغان. دائىرىلەر بۇ يېڭى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق بۇ قىلمىشلارنى تېخنىكا ئارقىلىق توسۇپ مەبلەغ بىخەتەرلىكى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقچى ئىكەن.

بىز بۇ يىل مايدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىۋاتقان ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنىڭ سۈپەت مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگىنىمىزدە،، ھۆكۈمەتنىڭ نامرات جايلاردىكى بالىلارنى ھەقسىز ناشتا بىلەن تەمىنلىشى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر پىلان بولسىمۇ، ئەمما جايلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاشقا مەسئۇل بولغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ئوزۇقلۇقنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ئۇنىڭ سۈپەت ھەم بىخەتەرلىكىگە يۇقىرى ئۆلچەم قويمىغانلىقى تۈپەيلى، يوچۇقلاردىن پايدىلانغان ھايانكەشلىك قىلمىشلىرى پەيدا بولغان، ھەر قايسى يېزىلاردا بالىلارغا تارقىتىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ، بولۇپمۇ سۈتلەرنىڭ ماركا ۋە سۈپىتىدە پەرقلەر بار بولۇپ، ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ مەلۇم بولغان ئىدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋىرىمىز تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلار ئىستېمال سۈتىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلان رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بۇ ئورۇن ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈتىنى تەمىنلەش كارخانىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلەت تاشلىشى بىلەن تاللاپ چىققان. تاللاپ چىقىلغان 8 سۈت كارخانىنىڭ سېتىشتىن كېيىن مۇلازىمەت تېلېفونلىرى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىدىغان سۈت خالتىلىرىغا يېزىلغان بولۇپ، سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلگەندە ئەرزىيەت نازارەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن.

گەرچە 85% تىن ئارتۇق خىتايلار ياشايدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىدىغان سۈتنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا بۇ خىل تەدبىر قوللىنىلغان بولسىمۇ، كۆپ قىسىم ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان ئوزۇقلۇقنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە يەنىلا ئەندىشە تۈگىمىگەن.

ئۈچ يۈەن گەرچە ئاز پۇل بولسىمۇ، ئەمما ئۇ جايىدا ئىشلىتىلگەندە، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك پرىنسىپىغا ئەمەل قىلغاندا بالىلارنىڭ ئۆلچەملىك ساغلام ئوزۇقلىنىشىغا چىقىش قىلالمايۋاتقان نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئەمەلىي ياردەم، بالىلارنىڭ ساغلام، سۈپەتلىك ئۈسۈپ يېتىلىشىگە ماددىي ئاساس بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئوزۇقلۇق ئۇلارنى زەخىملەندۈرىدىغان، ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

خىتاي رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇ شىن «بۇندىن كېيىن بىز ھەر قايسى جايلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرى يېمەكلىك ساقلاش تۈزۈمى، يېمەكلىك ئەۋرىشكىسى قالدۇرۇش تۈزۈمى، ئاشكارا ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ تائام كومىتېتىدىكى نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز» دەپ ۋەدە بەرگەن.

ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدە تېخى تامامەن ئېلىكترونلاشمىغان، بىرەر كومپيۇتېرمۇ بولمىغان يېزا مەكتەپلىرىدە بۇنىڭ يەتكۈزۈلۈش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ قاچان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىخەتەر، يېتەرلىك ئوزۇقلىنىۋاتقانلىقىدىن خاتىرجەم بولالايدۇ؟ بۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىغا، ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەخسۇس مەبلەغگىمۇ، بالىلارنىڭ ئېشىغىمۇ قول تىققان چاشقانلارنى قانداق جازالىشىغا، ئوزۇقلۇق ياردەم مەبلىغىنى جايىدا ئىشلىتىپ، قانداق قىلىپ قۇۋۋەتلىك، ئۆلچەملىك، بىخەتەر ئوزۇقلۇق بىلەن بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئېنېرگىيە ۋە كۈچكە ئايلاندۇرۇشىغا شۇنداقلا ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ رايونلارنىڭ ئوخشىمايدىغان شارائىتىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىشىغا باغلىق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.