خىتايدىكى يېزىلاردا 60% ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالمايدۇ
2006.08.10
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلغان "2005- يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىيات سىتاتىستىكا دوكلاتى" دا كۆرسىتىلىشىچە، 2005- يىلىدىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە كىرىش نىسبىتى 53% ئەتراپىدا بولغان. شۇنداق بولغاندا پۈتۈن خىتاي بويىچە 35 مىليون تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن شۇنداقلا بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى يېزا نوپۇسى ئىكەن.
ئاساسلىق سەۋەبلەر
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا جەمئىيەتكە يۈزلىنىشىدىكى سەۋەپلەر توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاساسلىقى 2 خىل ئامىلغا مەركەزلەشكەن. بىرى، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلاردا تولۇق ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقىسىمۇ بەرىبىر ئىشسىز قالىدىكەنغۇ دەيدىغان قاراش بار. يەنە بىرى بولسا، يېزا ئوقۇغۇچىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينالغاچقا ئوقۇش ھەققىنى كۆتۈرۈپ كېتەلمەي يېرىم يولدا ئوقۇش توختۇتۇپ قويىدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلگەن.
ئىلگىرى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خوتەننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ كىرىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ھەقىقەتەن يۇقىرىدا ئېيتىلىپ ئۆتكەن سەۋەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشىغا توسالغۇ بولغان ئاساسلىق ئامىل بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ئامېرىكىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلات بولغان "خىتاي ئۇچۇر مەركىزى" نىڭ مۇتەخەسسىسى ميۇ تيەنچى خانىم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا مائارىپىغا ئاجرىتىدىغان مەبلىغىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىمۇ، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماسلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
" ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئاجراتقان خىراجىتى بىلەنمۇ چوڭ باغلىنىشلىقى بار. نۇرغۇن رايونلاردا بۇ خىلدىكى مەبلەغ كۆپەيتىلمەستىن، ئەكسىچە ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېغىر بىر ئەھۋال" .
خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان بىر كىرىزىس
نۆۋەتتە يەنە بىر قىسىم مائارىپچىلار خىتاينىڭ مائارىپ ساھەسىدە مەۋجۇت بولىۋاتقان 3 خىل مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىرى، 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىگەن. ئىككىنچىسى، ئالىي مائارىپ تەرەققىياتى غەيرى نورمال بولغان. ئۈچىنچىسى، ئائىلىلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ، يېزىلاردا كىرىم ناھايىتى ئاز بولغاچقا يېزا ئاھالىلىرى بالىلىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
ئامېرىكا نيو-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى شيا مىڭ، يېزىلاردىكى كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ ئوقۇشنى داۋام قىلدۇرالماسلىقىنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:
" ئەڭ يامان تەسىرى نېمە بولىدۇ دېگەندە، مەجبۇرىي مائارىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئالىي مائارىپنىڭ بازارلىشىپ كېتىشى، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى تۆۋەن بولغان يېزا بالىلىرىنىڭ جەمئىيەت ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتىكى بۇ ئاجىز تىپىدىكى كىشىلەر ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، بارا-بارا ناچار تىپتىكى كىشىلەرگە ئۆزگىرىدۇ".
ئۇ مانا بۇ ئەھۋالنىڭ نۆۋەتتە خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان بىر كىرىزىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھازىر بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ ساندىكى مائارىپچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى مائارىپقا بولۇپمۇ يېزا مائارىپىغا كۆپ كۈچ چىقىرىشقا ئۈندىمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مەكتەپلەردىكى قالايمىقان پۇل يىغىش ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىر بولماقتا
- مۇھەممەت توختى ئەپەندى خىتايدىكى مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- خىتايدىكى مائارىپنىڭ ئىستىماللىشىشى كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغىماقتا
- 20 يىلدىن بۇيانقى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى قانداق باھالاش كېرەك؟
- مائارىپ چىقىمى تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان يېزا بالىلىرى يەنىلا ئوقۇشسىز قالماقتا
- مائارىپ چىقىمى خىتايدا ناھايىتى ئېغىر يۈك بولۇپ قالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى يېزا مائارىپ سىياسىتى قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؟