مائارىپ چىقىمى خىتايدا ناھايىتى ئېغىر يۈك بولۇپ قالماقتا


2006.02.17

يېقىندا خىتايدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى مائارىپ چىقىمى كىرىمى تۆۋەن بولغان پۇقرالار ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بىر يۈككە ئايلانغان.

ئالىي مەكتەپنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى - بىر دېھقاننىڭ 14 يىللىق كىرىمى

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 2004 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدىن 2005 ‏- يىلى 10 ‏- ئايغا قەدەر، يېزىلاردىكى ئوقۇۋاتقان بالىسى بار ئائىلىلەرنىڭ مائارىپ چىقىمى ئائىلە يىللىق كىرىمىنىڭ 33 % نى ئىگىلىگەن. شەھەردىكى ئوقۇۋاتقان بالىسى بار ئائىلىلەرنىڭ مائارىپقا سەرپ قىلغان پۇلى ئائىلە كىرىمىنىڭ 26% نى ئىگىلىگەن.

مەزكۇر تەكشۈرۈشتە يەنە "كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ نامرات بولۇپ قىلىشى مائارىپ چىقىمىنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولغانلىقىدىن" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2004 ‏- يىلى خىتايدىكى شەھەر خەلقىنىڭ يىللىق كىرىمى ئورتا ھېسابتا 9422 سوم ئەتراپىدا بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 2936 يۈئەن ئەتراپىدا بولغان. لېكىن بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلى بولۇپ بىر يىللىق چىقىمىنىڭ ئۆزى 7 مىڭ يۈئەندىن ئاشىدىكەن ھەمدە 4 يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 28 مىڭ يۈئەن تۆلىشى كېرەك ئىكەن. بۇ خىل ھېسابلاش بويىچە، بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ 4 يىللىق ئوقۇش پۇلى شەھەر خىزمەتچىسىنىڭ 4 يېرىم يىللىق كىرىمى، دېھقان بىچارىنىڭ 14 يىللىق كىرىمىگە تەڭ كېلىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا مائارىپ چىقىمى ھەممىدىن يۇقىرى بولۇپ ھەتتا سەھىيە چىقىمى ۋە ئولتۇراق ئۆي چىقىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى دەسلەپتىكى نەچچە يۈز سومدىن 7 - 8 مىڭ سومغا كۆپىيىپ 20 ھەسسە ئۆرلىگەن. لېكىن بۇ 10 يىل ئىچىدە، خەلقنىڭ يىللىق كىرىمى پەقەت 4 ھەسسە كۆپەيگەن.

مەكتەپلەر پۇل تېپىش ئورۇنلىرىغا ئايلانغان

كۆپلىگەن ئانالىزچىلار "خىتايدىكى مائارىپ چىقىمىنىڭ بۇ قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېغىر بىر يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان پۇلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقىدىن" دەپ تەكىتلەپ، خىتايدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قالايمىقان پۇل يىغىدىغان ۋە مائارىپنى بازارلاشتۇرۇپ مەكتەپ ئورۇنلىرىنى ئادەم تەربىيىلەش ئەمەس بەلكى سودا قىلىش سورۇنىغا ئايلاندۇرىۋالغانلىقىدەك قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەنقىدلىمەكتە.

ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شيا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ "خىتاي ھۆكۈمىتى مائارىپقا يېتەرلىك مەبلەغ سالماي ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا بازارلىشىشىغا يول قويغانلىقتىن، كەمبەغەل ئائىلىلەردىكى نۇرغۇنلىغان بالىلار ئوقۇشتىن قالىدىغان ۋە ياكى ئالىي مەكتەپكە كىرەلمەيدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئوقۇشسىز قالغان بۇ بالىلار، دەسلەپتىكى ساۋاتسىزلىقتىن ئاخىرىغا بېرىپ قانۇن بىلمەيدىغان ھەتتا جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقىرىدىغان لۇكچەكلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ " دەپ كۆرسەتتى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى "مائارىپقا مەبلەغ سېلىشتا دۇنيانىڭ ئارقىدا، ھەتتا ئەڭ نامرات دۆلەت ئۇگاندانىڭمۇ ئارقىدا قالغان" دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان خىراجىتى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ پەقەت 2 % نى ئىگىلىگەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان ئەڭ تۆۋەن ساننىڭ 3 تىن بىرىگىمۇ يەتمىگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.