خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 - يىلىدىن باشلاپ يېزا مەجبۇرىي مائارىپىدا ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2006.12.15
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 2007 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق يېزىلاردا، مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇش ھەققىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى يەنى يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى 150 مىليون ئوقۇغۇچىدىن ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاب پۇلى قاتارلىقلارنى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى جۇ چى "ھۆكۈمەت بۇ قېتىم يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش ۋە كىتاب پۇلى قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ھېسابتا، ھەر بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 140 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 180 يۈەن، نامرات ئوقۇغۇچىلار 150 يۈەن ياتاق پۇلى تاپشۇرۇشتىن خالى بولىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكەنلىكى" دەپ بىلدۈردى.
ئوقۇش پۇلى كۆرتۈرۈۋېتىلگىنى بىلەن، ئالىدىغان باشقا پۇللار كۆپ
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى يەنى بۇ يىل بېشىدا، غەربىي رايوندىكى بىر قىسىم نامرات جايلاردا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ۋە كىتاب پۇلى قاتارلىقلارنى بىكار قىلىۋىتىش ھەققىدە مەخسۇس قارار چۈشۈرگەن. لېكىن مەزكۇر قارارنىڭ بۇ جايلاردا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى مەيلى خىتاي يېزىلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بولسۇن ئىنتايىن ناچار بولغان. مەسىلەن، ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلدۇق دېگىنى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا "تاپشۇرۇق پۇلى، سىنىپ پۇلى" دەپ سېلىق سالىدىغان ئەھۋال يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىغان بىر خىتاي دېھقان بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
"قارىماققا، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىۋاتىمىز، دەپ يېزا بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈۋەتكىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە يەنىلا ھېچقانداق چوڭ پەرق يوق. يېزا مەكتەپ ئورۇنلىرىنىڭ قالايمىقان پۇل يىغىش ئەھۋالى بەكمۇ ئېغىر. دېھقانلار بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى. مەسىلەن، ئۇقۇش پۇلى ئالمىدۇق دەپ، باشقا چىقىملارنى كۆپەيتمەكتە. ئوقۇتقۇچىلار بۈگۈنى بالىلارغا 10 كوي ئەكىلىڭلار دېسە، ئەتىسى 50 كوي ئەكىلىڭلار-دەپ، پەقەتلا ئارام بەرمەيدۇ. بىردەم سىنىپ پۇلى دەۋاتقان، بىردەم پائالىيەت ئۆتكۈزۈش پۇلى دەۋاتقان، ئىشقىلىپ، نېمە قىلارىمىزنى بىلمەيلا قېلىۋاتىمىز".
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھازىرغىچە ھاشارغا ئەۋەتىلىدۇ
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا مەجبۇرىي مائارىپىنى يەنى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاب پۇلى قاتارلىقلارنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ خىل ھەقسىز مائارىپ پەقەت ئىنتايىن نامرات بولغان رايونلار بىلەن چەكلىنىپ قالغان.
زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا رايونىدىكى بىر دېھقان ئايال مەزكۇر جايدىكى مەكتەپتە، ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاب پۇلى دېگەندەكلەرنىڭ تېخى بۇ يىل 9 - ئايدىن باشلاپ ھەقسىز قىلىنغانلىقىنى، لېكىن شۇنداقتىمۇ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەمچى ئوقۇش ماتېرىيالى دەپ كىتاب سېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئايال مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تا ھازىرغىچە ھەر يىلى دېگىدەك ئوقۇغۇچىلارنى بىڭتۇئەن ئورۇنلىرىغا پاختا تېرىشقا ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ بىكار قويماي ئاز دېگەندە 20 كۈن پاختا تېرىشقا ئەۋەتىپ، پاختىدىن كىرگەن كىرىمنى پۈتۈنلەي مەكتەپ ئۆزى ئالىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
كۆپلىگەن ئانالىزچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن قالايمىقان ئىكەنلىكىنى، يەنى يۇقىرىدىن بېكىتىلگەن مائارىپ ھەققىدىكى سىياسەتلەرنىڭ تۆۋەنگە بارغاندا داۋاملىق توغرا ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ "مەتبۇئات ئورۇنلىرى بۇ ھەقتە نازارەت قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپقا ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ باشقا جايلارغا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، شۇنداقلا پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ مەكتەپ ئورۇنلىرىغا بېرىلىدىغان پۇلنى خىيانەت قىلىپ كېتىشىگە يول قويماسلىق كېرەك" دەپ بىلدۈرمەكتە. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى يېزىلاردا 60% ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالمايدۇ
- مەكتەپلەردىكى قالايمىقان پۇل يىغىش ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىر بولماقتا
- مۇھەممەت توختى ئەپەندى خىتايدىكى مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- خىتايدىكى مائارىپنىڭ ئىستىماللىشىشى كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغىماقتا
- 20 يىلدىن بۇيانقى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى قانداق باھالاش كېرەك؟
- مائارىپ چىقىمى تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان يېزا بالىلىرى يەنىلا ئوقۇشسىز قالماقتا
- مائارىپ چىقىمى خىتايدا ناھايىتى ئېغىر يۈك بولۇپ قالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى يېزا مائارىپ سىياسىتى قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؟
- زىيالىيلار خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا مائارىپى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا مائارىپىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش قارارى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟