تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن دىپلوما ئالدى


2006.06.21

ئەنقەرەدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمنى خەلقئارا مەدەنىيەتلەر ئارىسى تەتقىقات ۋە دوستلۇق ۋەخپى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تارمىقىدىكى تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇردى. بۇ مۇراسىمدا 80 گە يېقىن دۆلەتتىن كېلىپ تۈركىيىدە ئوقۇغان 150 ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كوپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى.

مۇراسىمدا تانزانىيە، ئافغانىستان، بېنگال، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئازەربايجان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار يەر ئالدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇراسىم ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

مۇراسىمغا مەدەنىيەتلەر ئارىسى تەتقىقات ۋە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياشار تۈرككورۇر، پارلامېنت ئەزاسى ھۇسەيىن تانرىۋەردى ۋە كوپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشتى ۋە سوز قىلدى. مۇراسىم ئوقۇغۇچىلارھگا دىپلوما تارتقىتىش پائالىيىتى بىلەن ئاياقلاشتى.

سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىنكى رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى

1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن تۈركىيىگە بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىن ئونمىڭلارچە ئوقۇغۇچى كېلىپ ئوقۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇ قاتاردا تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ قېيىنچىلىقىلىرىنى ھەل قىلىش شۇنداقلا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيىدە نۇرغۇنلىغان ۋەخپە ۋە جەمئىيەتلەر قۇرۇلغان. مانا بۇلارنىڭ بىرى خەلقئارا مەدەنىيەتلەر ئارىسى تەتقىقات ۋە دوستلۇق ۋەخپىدۇر. بىز بۇ ۋەخپە ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى جەريانىدا ۋەخپە مەسئۇللىرى ۋە مۇراسىمغا قاتناشقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بىز ئالدى بىلەن مىكروفونىمىزنى بۇ ۋەخپىنىڭ باشلىقى ياشار تۈرككورۇر ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ ۋەخپىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"ۋەخپىمىز 1994 - يىلى قۇرۇلدى. قۇرۇلۇش مەقسىتىمىز دۆلىتىمىزدە كېلىپ ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن تونۇشىشى، ئوز ئارا دوستلۇق ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا ئۇلارغا تۈرك مەدەنىيىتى ئۆگىتىش ئىدى. ھازىرغىچە ۋەخپىمىزگە 4000 ئوقۇغۇچى ئەزا بولدى. بىز ئىقتىسادى جەھەتتىن قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى ھەل قىلىپ بېرىۋاتىسىز. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋەخپىمىزگە كېلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار.

ياشار تۈركورۇر ئەپەندى تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئەگەر ئۆزلىرىگە كەلگەن تەقدىردە ئۇلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

"بۇ يىل 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەل قىلدۇق. بىز بۇ ئوقۇش پۇلىنى تۈركىيىدىكى ئوقۇش پۇلى بېرىۋاتقان قۇرۇلۇش ۋە شەخىشلەردىن ئېلىپ بېرىمىز. بىز ئوقۇش پۇلى بەرگەن ۋاقتىمىزدا يېتىم، كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىمىز. تۈركىيىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بىزنىڭ ئىنتەرنەت ئادرىسىمىز بولغان www. karwak.com غا كىرىپ بىز بىلەن ئالاقىلىشسا بولىدۇ.

ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر خىزمەت بولسا قىلىشقا تىرىشىمەن

بىز بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان پارلامېنت ئەزاسى، تۈركىيە- پەلەستىن پارلامېنتلىرى ئارىسى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ھۆسەيىن تارىۋەردى ئەپەندى بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تانرىۋەردى ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەن دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن، مەزلۇم بىچارە ئىنسانلارنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايمەن. شەرقىي تۈركىستاندىن تارتىپ پەلەستىنگىچە ھەقىقەتەن مەزلۇم، زۇلۇم كۆرۈۋاتقان خەلقلەر ئىنتايىن كوپ. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بۇ زۇلۇمنى يوقىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. مەن ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا پەلەستىن مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تېرىشىۋاتىمەن. مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ بىلىمەن. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر خىزمەت بولسا مەن ئۇنى قىلىشقا تىرىشىمەن."

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىزنىڭ بۇ زىيارەت جەريانىمىزدا نۆۋەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەن’ ئەت نومۇرىغا كەلدى. ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرى ئاياقلاشقاندىن كېيىن زىيارەت ئېلىپ بېرىشقا داۋام قىلدۇق. بېنگاللىق ئوقۇغۇچى سەيفىدىن مۇھەممەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

"مەن تۈركىيىگە كەلگىلى 5 ئاي بولدى. بۇ يەرگە دوكتورلۇقتا ئوقۇغىلى كەلدىم. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىمدىن بەك ھۇرسەن بولدۇم. چۈنكى پۇتۇن دۆلەتلەردىن ئوقۇغۇچىلار كەلدى. بۇ يەردە جەم بولۇپ ئۇلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئۇيغۇر دوستلارنىمۇ تونۇدۇم. ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە يېقىن بىر يەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.