
يېقىندا خىتايدا، ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېي لۇڭجياڭ، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە گۇئاڭشى قاتارلىق 16 ئۆلكىنىڭ يېزا رايونلىرىدا مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۆلكىلەرنىڭ يېزىلىرىدا، مائارىپ چىقىمى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئوقۇتالمايدىغان ھەمدە بالىلار يېرىم يولدا ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان ئەھۋال يەنىلا ئېغىر ھالەتتە داۋاملىشىپ كەلگەن.
قالايمىقان پۇل يىغىش، ئاتا ئانىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرغان
ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 ئۆلكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشكە خىتاي مەركىزىي كومپارتىيە مەكتىپى مەسئۇل بولغان. مەزكۇر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم خىتاي ئۆلكىلىرىدە، دېھقان بالىلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرمەيلا مەكتەپتىن توختاپ قالغان بالىلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40% نى ئىگىلىگەن. بىر قىسىم يېزىلاردا، مەسىلەن خېبىي ئۆلكىسىنىڭ ۋېيشيەن ناھىيىسىدىكى خېيىن ئوتتۇرا مەكتىپىدە، 3 يىلدىن بۇيان ئوقۇشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 90% كە يەتكەن.
مەركىزىي كومپارتىيە مەكتىپى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر يېزىلاردا، نۇرغۇنلىغان ئاتا - ئانىلار مائارىپ چىقىمىغا ئېشىنالماي ئىلاجى يوق بالىلىرىنى ئوقۇشتىن تۇختىتىۋالىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملاشقان. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، ھۆكۈمەت ئوقۇش پۇلىنى بىكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلاردىن يىغىلىدىغان باشقا تۈردىكى خىلمۇ -خىل چىقىملارغا يول قويغان. يېزا مائارىپ ئورۇنلىرى مالىيە قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكتىن، بىكار قىلىنغان ئوقۇش پۇلىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان باشقا خىلدىكى تۈرلۈك چىقىملارنى كۆپەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا زور بېسىم ئىشلەتكەن.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ۋاقتىدا بېرىلمىگەن
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى كۆپلىگەن ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان مەبلىغى ئىنتايىن چەكلىك بولغانلىقتىن نۇرغۇنلىغان يېزا مەكتەپلىرىدە سىنىپ يېتىشمەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى تارقىتىپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋاللار يەنىلا ئېغىر بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولۇپ، بۇمۇ ئالاھىدە ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلانغان.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭجىن مەركىزىي كومپارتىيە مەكتىپىنىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئىقرار بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدە "ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات رايونلاردا ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاپ پۇلى پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى. ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان خىراجىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپەيدى" دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھۆكۈمەت پەقەت بىر قىسىم ئاز ساندىكى ئىنتايىن نامرات يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققىنى بىكار قىلغان. كۆپلىگەن جايلاردا ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئوقۇش ھەققى تۆلەيدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن تۈرلۈك ھەقلەرنى تۆلەشكە مەجبۇر ئىكەن. بۇنىڭدىن بىزار بولغان ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتمەي، ئوقۇشتىن توختىتىۋالىدىكەن.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىق ھاجى ئەپەندى خىتاي ۋە ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپ چىقىمى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ "بۇ خىل ئەھۋال بۇندىن كېيىن بەلكىم تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن" لىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن سىدىق ھاجى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ خىراجىتىنىڭ ھەر زامان ئادىل تەقسىم قىلىنمايدىغانلىقىنى ھەمدە داۋاملىق بۇزۇپ - چېچىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزى ئىشلىگەن مەكتەپتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى مىسالغا ئېلىپ" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپقا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس " دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)