
مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا قولغا ئېلىنغان قەشقەرلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ مارالبېشىدىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ سىياسى ئامانلىق بۆلۈمى، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "قەشقەر ئەدەبىياتى" دىكى بىر ئەدەبىي ئەسىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "قەشقەر ئەدەبىياتى" ژورنىلىدىكى " كۆك كەپتەر" ناملىق ئەدەبىي ئەسىرى مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلغان دەپ ئەيىپلەپ، "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 2004 - يىللىق 5 - سانىنى يىغىۋالغان. بىز نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مارالبېشى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى رەت قىلمىدى. بىراق ئۇ، بۇ ئىشلار ھازىرچە بىزگە قاراڭغۇ، دەپ جاۋاپ بەردى.
بىز قولغا ئېلىنغان يازغۇچىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىلاشتۇق. ئاخىرى قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئامانلىق ئەترىتىنىڭ بىر خادىمى، مۇخبىرىمىزنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىن ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، يازغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: "ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىن، ئۇ "قەشقەر ئەدەبىياتى" ژورنىلىغا ماقالە يېزىپ، ئەكسىيەتچىل سۆزلەرنى قىلغان."
"بۆلگۈنچىلىك" كە دائىر دېلولار ئىنتايىن كۆپ
بۆلگۈنچىلىككە دائىر دېلولار ئىنتايىن كۆپ، نەچچە يۈزگە يېتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە دائىر دېلولىرى ئىنتايىن كۆپ،
ساقچى خادىمى، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ قولغا ئېلىنغىنىغا ئۈچ يېرىم ئايدەك بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ تېخى سوتلانمىغانلىقى، دېلوسى ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى سوتقا يوللانغانلىقىنى شۇنداقلا ھازىر ئۇنىڭ مارالبېشىدىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ دېلوسىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى مەسئۇل بولغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز مۇخبىرى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا تېلېفون قىلىپ، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ دېلوسىنى سۈرۈشتۈردى. يۇقىرى سوتنىڭ دېلو ئىشلارغا مەسئۇل بىر خادىمى، " بۆلگۈنچىلىككە دائىر دېلولار ئىنتايىن كۆپ، نەچچە يۈزگە يېتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە دائىر دېلولىرى ئىنتايىن كۆپ،" دەپ كۆرسەتتى.
ژورنال يىغىۋېلىنماقتا
قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ " كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسىرى بېسىلغان "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 2004 - يىللىق 5 - سانىنى يىغىۋېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى ساقچى خادىم، ژورنالنى يىغىۋېلىشقا قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى شۇنداقلا مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 5 - سانى جەمئىي 2000 نۇسخا تارقىتىلغان بولۇپ، يۇقىرىقى ساقچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ژورنالنىڭ كۆپ قىسىمى يىغىۋېلىنغان. ئۇ، يىغىۋېلىنغان ژورناللارنىڭ قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئامانلىق ئەترىتى باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "ئۆركىشى" تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان نۇرمۇھەممەت ياسىن، 1974 -يىلى قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ، ھاياتىنى ئەدەبىي ئىجادىيىتىدىن ئالغان قەلەم ھەققى بىلەن قامدايدىغان ئەركىن قەلەمكەش ئىدى. ئۇنىڭ " ئوينايدىغان بالا بارمۇ" ، " تۇنجى مۇھەببەت" ، " يۈرەك يىغلايدۇ" قاتارلىق كىتاپلىرى نەشر قىلىنغان، 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى بىر قانچە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.(ئەركىن)