نۇرمۇھەممەد ياسىن خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولمىدى
2005.02.08
"نازۇگۇمنىڭ چاقىرىقى"
نۇرمۇھەممەت ياسىن ئۆركىشى
نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن كىشىلەرنى بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىش "جىنايىتى" بىلەن قولغا ئېلىنغان. " ئۆركىشى" دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان نۇرمۇھەممەد ياسىن، قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، مارالبېشىدىكى تۈرمىگە سولانغان ئىدى.
يېپىق سوت
مارالبېشى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرمۇھەممەدنىڭ دىلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەسئۇل بولغان. مارالبېشىدىكى بىر ساقچى سوت مەھكىمىسىنىڭ نۇرمۇھەممد ياسىننى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. مارالبېشى ناھىيىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى سوتچىلار بىلەن ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسىدىكى قارىلىغۇچىلار، نۇرمۇھەممەدنىڭ سوتىنى بۇ يىل 1 - ئايدا مارالبېشىغا كېلىپ ئاچقان. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېلان قىلىندى.
مارالبېشى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يۇقىرىقى خادىمى، سوتنىڭ يېپىق ئېچىلغانلىقىنى شۇنداقلا نۇرمۇھەممەدنىڭ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۇمۇھەممەد ياسىن دىلوسىنىڭ خاراكتىرى سەزگۈر مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقتىن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان
ئىدىئولوگىيە بۆلگۈنچىلىكى
مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، نۇرمۇھەممەدنىڭ "قەشقەر ئەدەبىياتى" نىڭ 2004 - يىللىق 5 - سانىدىكى "كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى شۇنداقلا ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، نۇرمۇھەممەدنى "كۆك كەپتەر" ناملىق ئەسىرىدە كىشىلەرنى بۆلگۈنچىلىككە كۈشكىرتتى، دەپ ئەيىبلىگەن.
قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، ئىلگىرى مۇخبىرلارلارغا نۇرمۇھەممەدنىڭ "قەشقەر ئەدەبىياتى" دا ئېلان قىلىنغان ئەسىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، " ئۇ، قەشقەر ئەدەبىياتى ژورنىلىدا بەزى ئەكسىيەتچىل نەرسىلەرنى يازغان، " دەپ كۆرسەتكەن. مارالبېشىدىكى ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۇمۇھەممەد ياسىن ھازىرچە مارالبېشىدىكى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. ئۇ، قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ھۆكۈمىتىگە قايىل بولماي، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغان.
نۇرمۇھەممەد ياسىن 1974 - يىلى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئاۋات بازىرىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاپتور، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ھەر قايسى ژانىرلاردا ئىجادىيەت قىلىۋاتقان، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا تەسىرگە ئىگە شائىر، يازغۇچى ۋە ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئاپتور ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىنى، "گۈزەل رىۋايەتلەر سىرلىق ئەپسانىلەر بىلەن تولغان قەدىمىي دولان دىيارى ۋە ئۆزگىچە ناخشا - ئۇسۇل، مەدىنىيەت قاتلىمىغا ئىگە دولان تۇرمۇشىدىن ئالغانلىقىنى يازىدۇ. دېگەندەك، ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى ۋە ئەپسانىلىرىدىن ئىلھام ئالغانلىقىنى بايقىشى مۇمكىن.