تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى تۈزۈلمەكچى


2007.12.13

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان 34 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان بىر ئېلىپبە تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلىماقتا. تۈركىيىنىڭ يېڭى رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل 9- 10- ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈركمەنىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە تۇركولوگلارنىمۇ ئېلىپ بارغان بولۇپ، زىيارىتى جەريانىدا ئۇلاردىن تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان.

مۇتەخەسسىسلەر، رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلگە، تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئورتاق بىر يېزىق تىلى يارىتىش كېرەكلىكىنى، بۇ تىلنى يارىتىش ئۇچۇن ئالدى بىلەن 34 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان بىر ئېلىپبە تۈزۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بۇ تۈركولوگلار يەنە ھەرقايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرلىقى تارمىقىدا تۈرك دۇنياسى سېكېرتارلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئابدۇللاھ گۈلنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى دېگەن. تۈركولوگلار رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلگە تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تۈركمەنىستان زىيارىتىگە ئورتاق ئېلىپبە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۇچۇن فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى مۇدىرى پروف. در. مەمەت قارا، ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروف. در. فىكرەت تۈركمەن ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى مۇدىرى ئۇيغۇرشۇناس پروف. در. سەما بارۇتچۇ ئۆزۆندەر خانىممۇ قاتناشقان.

تۈركىيىنىڭ بۇرۇنقى رەئىس جۇمھۇرلىرى چەت دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بارغاندا ھەيئەت ئىچىگە تۇركولوگلارنى قوشمايتتى. بۇ قېتىمقى تۈركمەنىستان زىيارىتىگە تۈركىي تىللىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن 3 كىشىنى قوشۇشى، ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسىغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. بۇ زىيارەتكە قاتناشقان تۈركولوگ پروف. در. فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى بۇ زىيارەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "رەئىس جۇمھۇرىمىزنىڭ ئىلىم ئادەملىرىنىمۇ يېنىغا ئېلىپ تۈركمەنىستانغا بېرىشى ناھايىتى ياخشى بىر باشلانغۇچ. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن پەقەتلا سىياسى، ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مەدەنىي مائارىپ جەھەتتىمۇ مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن تۈركمەنىستان بىلەن ئورتاق بولغان دەدەقورقۇت، ئوغۇزنامىغا ئوخشاش داستانلىرىمىز بار. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئورتاق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىشىمىز كېرەك." تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل، ھازىر قازاقىستانغا رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارماقتا. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدىن بۇرۇن 10-ئايدا ئەزەربەيجان بىلەن گرۇزىيەگە رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى ئورنى نېمە؟ ئۇيغۇرلار بۇ ئورتاق ئېلىپبەدىن قانداق پايدىلىنىشى كېرەك؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلارمۇ؟ (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.