ئۆزبېك سەنئەتكار ۋە زىيالىيلىرى ئوش ۋە جالالئاباد ۋەقەسى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلدى

قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد ئوبلاستلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە قارىتا ئۆزبېك سەنئەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﺋﻮﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﺋﻮﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ.
AFP Photo

مەشھۇر ئۆزبېك خەلق ئارتىسى يۇلدۇز ئوسمانوۋا خانىمنىڭ بۇ ھەقتە بىر كېچىدە ئىجاد قىلىپ ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان ناخشىسىنى 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاڭلىغان بولۇپ، ئوش پاجىئەسىگە بېغىشلانغان بۇ ناخشا كىشىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە ھاياجان قوزغىدى.

تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى تېمۇر غوجا ئەپەندى يۇلدۇز خانىم ئېيتقان ناخشا شۇنىڭدەك ئۆزبېك ۋە قىرغىز خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەمدە بۇ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

داڭلىق ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى يۇلدۇز ئوسمانوۋا، ئوش ۋە جالالئاباد ئوبلاستلىرىدا قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۆزبېك خەلقى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، بىر كېچىدە ناھايىتى تەسىرلىك بىر ناخشا ئىجاد قىلىپ، ئىنتېرنېت تور مەيدانلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقاتتى.

يۇلدۇز ئوسمانوۋا خانىمنىڭ ناخشىسىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار شۇنىڭدەك بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە بىز تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۆزبېك زىيالىيسى، تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تېمۇر غوجا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت