0:00 / 0:00

12-فېۋرال كۈنى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلدىكى سۇلايمانىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئوسمان باتۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۈركلەر قاتناشتى قاتناشتى.
يىغىندا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپى باشلىقى دوكتور تۇران يازغان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى مۇئاۋىن باشلىقى خىزىربەگ ئەپەندى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور فەتخى ئەخمەت يۈكسەل ئەپەندى سۆز قىلدى.
يىغىندا يەنە ئوسمان باتۇرنىڭ بىر قىسىم ھاياتى خاتىرىلەنگەن رەسىملەر ھۆججەتلىك فىلىم شەكلىدە كۆرسىتىلدى. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.